تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[بەختلىك كۈرەش قىلغۇچىلار] ما جىچياڭ: 95-يىلى تۇغۇلغان «قاتلىما پالۋان» نىڭ قاتلىما سودىسى

  ئىلاۋە: «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ»، «كۈرەش قىلىشنىڭ ئۆزى بىر بەخت»، «يېڭى دەۋر كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ دەۋرى»... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018-يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدىكى سۆزىگە «كۈرەش» تىن ئىبارەت بۇ دەۋر باش تېمىسى مەركەزلەشكەن، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى مۇجەسسەملەنگەن.

  تورىمىز «بەختلىك كۈرەش قىلغۇچىلار» تېمىسىدا چاتما خەۋەرلەر ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى جانلىق ھېكايىلىرى، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ يېڭىچە قىياپىتى، يېڭىچە مۇۋەپپەقىيەتلىرى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، خالىس تۆھپە قوشۇش روھى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇۋاتقان شىنجاڭ ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ نەمۇنىلىك ھېكايىلىرىنى سۆزلەيمىز.

  مۇخبىرىمىز ما شاۋبىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ ياڭياڭ خەۋىرى، فوتوسى: «بۇ يەردە مەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئارزۇيۇمنى قەدەممۇقەدەم ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن». 3-ئاينىڭ 3-كۈنى 22 ياشلىق ما جىچياڭ قاتلىما پىشۇرغاچ شۇنداق دېدى.

  قورغاستا ما جىچياڭنىڭ قاتلىما دۇكىنىنى بىلمەيدىغان ئادەم يوق، بۇ يەردە پەقەت بىر ما جىچياڭنىڭلا قاتلىما دۇكىنى بولۇپ، ئۇنىڭ قاتلىمىسىنى يەيدىغانلار كۈندە ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇراتتى.

  2017-يىلى 11-ئايدا «قورغاس ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئۈندىدار سۇپىسىدا ما جىچياڭنىڭ قاتلىما دۇكىنى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇ شۇ يەردىكى داڭلىق «قاتلىما پالۋىنى» بولۇپ قالدى.

  نۆۋەتتە، ئۇنىڭ قاتلىما دۇكىنىنىڭ ئايلىق كىرىمى 30 مىڭ يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئىككىنچى دۇكىنىنىڭ بېزىلىش خىزمىتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

  ئۈزۈم ھارىقى ساتقان تۇرمۇشۇم ئىنتايىن ئەھمىيەتسىز ئۆتتى

  1995-يىلى تۇغۇلغان ما جىچياڭ ئاشخانىدا مۇلازىم بولۇپ باققان، ئۇششاق تىجارەت قىلىپ باققان، لېكىن بۇنىڭدىن كۈرەش نىشانىنى تاپالمىغاچقا، پۇلنىمۇ ئانچە كۆپ تاپالمىغان.

  2011-يىلى ما جىچياڭ قورغاس پورتىدا ئۈزۈم ھارىقى سودىسى قىلدى. «دەسلەپتە ئۈزۈم سودىسىنى قىلىدىغانلار كۆپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن سودام خېلى ياخشى بولغان ئىدى، بىراق بۇ سودىنى قىلىدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن سودىمۇ كاسات بولدى» دېدى ما جىچياڭ.

2017-يىلىنىڭ بېشىدا ما جىياڭ بىللە قىزىل ھاراق ساتىدىغان دوستلىرىغا ئۇششاق يېمەكلىك دۇكىنى ئېچىشنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئايدا 7000 يۈەندىن كەم بولمىغان كىرىم ئالدىدا دوستلىرى ما جىچياڭنى چۈشىنىپ كېتەلمىدى.

ئەمەلىيەتتە، ما جىچياڭ ئۇششاق يېمەكلىكلەر دۇكىنى ئېچىشتىن ئىلگىرى قورغاس بازىرىنى تەكشۈرۈپ چىققان بولۇپ، ئۇ قورغاستا بىرمۇ قاتلىما دۇكىنى يوق ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

   ئۆزى ياقتۇرغان ئىشنى قىلىش ئەڭ زور بەخت

  2017-يىلىنىڭ بېشىدا ما جىچياڭ غۇلجا شەھىرىگە بېرىپ قاتلىمىچى ئۇستامدىن قاتلىما سېلىشنى ئۆگەندى. ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا ما جىچياڭ قاتلىما سېلىشنى ئۆگىنىپ بولدى.

  قورغاسقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ قاتلىما سودىسىنى باشلاپ كەتتى، ئۇنىڭ چىرايلىق بېزەلگەن قاتلىما دۇكىنى، ئۆزگىچە سودا ئۇسۇلى ۋە قاتلىما سېلىش ماھارىتى نۇرغۇن كىشىلەرنى جەلپ قىلدى.

  «قاتلىمىنى ياشلار ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ھەم تەملىك، ھەم قولاي، ھەم ئەرزان» دېدى ما جىچياڭ، ئۇ يەنە خېرىدارلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئوخشىمىغان تەمدىكى قاتلىمىلارنى تەييارلىغان بولۇپ، بۇ قاتلىمىلار تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

  ما جىچياڭ سودىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ياخشى بولۇۋاتقانلىقىنى، دەسلىپىدە كۈنىگە 30 قاتلىما ساتقان بولسا، بىر ئايدىن كېيىن كۈنىگە 60 قاتلىما سېتىپ، كىرىمىنى 10 يۈەنگە يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.

  «ئۆزى ياقتۇرغان ئىشنى قىلىش ئەڭ زور بەخت، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىرىمىم بۇرۇنقى ھەرقانداق ۋاقىتتىن يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ، بۇ ماڭا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولدى، ھاياتقان بولغان ئۈمىدىم تولۇپ تاشتى» دېدى ما جىچياڭ.

  ئۇنى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى ئۇنىڭ قاتلىمىسىنى يېيىش ئۈچۈن بىر خېرىدارنىڭ ئالايىتەن ئون نەچچە كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ كېلىدىغانلىقى ئىدى.

  دۇكان سودىسىنىڭ ياخشىلىقىدىن ما جىچياڭ يەنە ئىككى مۇلازىم تەكلىپ قىلدى، بىراق ئۇ ئۆز قولى بىلەن قاتلىما سېلىشنى توختاتمىدى، بۇ ئۇنىڭ مۇلازىملارنىڭ ماھارىتىنى ئۆگىنىۋېلىشىدىن ئەنسىرىگىنى ئەمەس، بەلكى قاتلىمىسىنىڭ تەمى ۋە سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىدى.

   قاتلىما سېلىشتىن نەتىجە يارىتىمەن

  ما جىچياڭنىڭ دۇكىنىدا قاتلىمىدىن سىرت، يەنە باشقا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرمۇ بار ئىدى.

  يېقىندا ما جىچياڭ يەنە بىر بازاردا ئىككىنچى قاتلىما دۇكىنىنى ئاچماقچى بولۇپ، دۇكاننى بېزەۋاتقان ئىكەن.

  ما جىچياڭنىڭ نەزەرىدە قورغاس سودا قىلىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان جاي ئىدى.

  «قورغاس ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە  تولىمۇ ماس كېلىدىغان جاي، ئارزۇلا بولىدىكەن، تىرىشىپ كۈرەش قىلغاندا شۇ ئارزۇ ھامان ئەمەلگە ئاشىدۇ» دېدى ما جىچياڭ، ئۇنىڭ ئارزۇسى قاتلىما سېلىشتىن نەتىجە يارىتىش ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ