تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

«1-شۇجى» غا ھەمراھ بولۇپ كەنتتە ئۆتكۈزگەن «شېرىن ئاي»

سۈرەتتە: چيۇ شىنجيې خوتۇنىنىڭ چېچىنى قۇرۇتماقتا

    ئۆز خەۋىرىمىز. (مۇخبىرىمىز سۇ جيەنچاۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىڭ جىڭ خەۋىرى، فوتوسى) تاماق ئېتىش، ئوتۇن يېرىش، ئاشلىق ۋە كۆكتاتلارنى تەل قىلىش...بۇ ئۈچ كۈندە چيۇ شىنجيې يېڭى توي قىلغان خوتۇنى تيەن شياۋچىنغا ھەمراھ بولۇپ، كۆكتوقاي ناھىيەسى تۇرغۇن يېزىسى بەيگې تۆبە  كەنتىدە باشقىچە «شېرىن ئاي» ئۆتكۈزىۋاتاتتى. كۆكتوقاي ناھىيەلىك پارتكومنىڭ تور-ئۇچۇر ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان چيۇ شىنجيې 2-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇخبىرغا خوتۇنى تيەن شياۋچىننىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسى تۇرغۇن يېزىسى بەيگې تۆبە كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى، كۆكتوقاي ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ بەيگې تۆبە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل» خىزمىتى ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكىنى، بۇ يىل 2-ئاينىڭ باشلىرىدا ئۇلار تويغا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا تيەن شياۋچىننىڭ بەيگې تۆبە كەنتىگە بېرىپ، خىزمەتكە چۈشۈش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرىۋالغانلىقىنى ئېيتتى.
    «ئۇ ئىلگىرى ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىپ باقمىغان، مەن ئۇنىڭ كەنت تۇرمۇشىغا كۆنۈپ كېتەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىگەنىدىم.» خوتۇنىنىڭ كەنتكە خىزمەتكە چۈشىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، چيۇ شىنجيې بىر ئاز ئەنسىرەپ قالدى.
    «گەرچە تەجرىبەم بولمىسىمۇ، ئەمما 1-شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تەشكىلنىڭ ئىشەنچىنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوقۇم جايىدا ئورۇندايمەن.» تيەن شياۋچىن يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئېيتىۋاتقاندا كۆزلىرىدىن قەتئىيلىك چاقناپ تۇراتتى.
خوتۇنىنىڭ قەتئىيلىكىگە قاراپ، چيۇ شىنجيې ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىماي تۇرالمىدى. تيەن شياۋچىننىڭ كەنتكە خاتىرجەم خىزمەتكە چۈشۈشى شۇنداقلا ئۆيىدىكى چوڭلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ئىككەيلەن توي ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرۈشنى قارار قىلدى. تيەن شياۋچىن ئەتە توي دېگەن كۈنىلا ئۈستىۋېشىنى توپا-چاڭ باسقان ھالدا ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.
«بولمىسا مەن ئۆيىمىزدىكى <1-شۇجى> بىلەن كەنتكە بېرىپ شېرىن ئاي ئۆتكۈزەي» چيۇ شىنجيېنىڭ كاللىسىغا  شۇنداق ئوي كەلدى.شۇنىڭ بىلەن چيۇ شىنجيې ئۈچ كۈن رۇخسەت سوراپ، 2-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەردە تيەن شياۋچىن بىلەن بەيگې تۆبە كەنتىگە قايتىپ كەلدى.

سۈرەتتە: چيۇ شىنجيېنىڭ «شېرىن ئاي» تۇرمۇشىدىن كۆرۈنۈش


    تيەن شياۋچىن ھەر كۈنى ئەتىگەندە خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرسا، كەچتە تەكشۈرۈپ ھۆكۈم قىلىش، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، پىلان يېزىش، جەدۋەل تولدۇرۇش، ئىستىلنى رەتكە سېلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش دېگەندەك ئىشلار بىلەن ھەلەك بولاتتى. چيۇ شىنجيې كۈندە ئۆي تازىلاپ، پەرتۇق تاقاپ ئەترەتتىكىلەرگە تاماق ئېتىپ، ئارقا سەپ كاپالەت خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقىپ كېلىۋاتاتتى. يېڭى توي قىلغان بۇ ئەر-خوتۇن قىسقىغىنە «شېرىن ئاي» ىنى مۇشۇ تەرزدە ئۆتكۈزدى.
چيۇ شىنجيې مۇنداق دېدى: «بىز شېرىن ئايدا شىشۇاڭبەنناغا بېرىپ ساياھەت قىلالمىدۇق، مالدېۋىغا بارغاندىكىدەك رومانتىكىلىقلارمۇ يوق، ئەمما بىز ئەستايىدىل بولۇپ، پۈتۈن ئىخلاسىمىز بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلدۇق.»
    «كەنتكە خىزمەتكە چۈشكەن بىر ئايدىن بۇيان، ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، كەنتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر بىلەن تېزدىن تونۇشۇش كېرەك. ئالدىراش بولۇپ كەتسەم، ئېرىم ۋە ئۆيۈمدىكىلەرگە تېلېفون بېرىدىغانغىمۇ ۋاقتىم چىقمايدۇ. ئېرىمغا قىيماسلىق ئەمدىلىكتە كۈچلۈك سېغىنىشقا ئايلاندى» دېدى تيەن شياۋچىن.
    ئادەتتە تيەن شياۋچىن بىلەن چيۇ شىنجيېنىڭ بىر كۈنلۈك خىزمەتلەر تۈگىگەندىلا تېلېفونلىشىش، ئۈندىداردا پاراڭلىشىپ سېغىنىشىنى ئىپادىلەشكە ۋاقتى چىقىدۇ. تيەن شياۋچىن بەختىيارلىق ئىلكىدە مۇنداق دېدى: « دائىم ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا ۋە ئۈندىداردا ئەۋەتكەن ئۇچۇرىنى كۆرگەندە قەلبىم ئىللىقلىققا تولىدۇ. ئۇ مېنىڭ كىچىك قۇياشىمغا ئوخشاش ھەر ۋاقىت ماڭا ئاكتىپ ئېنېرگىيە بېرىدۇ، ئۇنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا مەن كەنت خىزمىتىنى چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن!»

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ