ئۆز خەۋىرىمىز. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كادىرى ۋاڭ شياۋفېڭ 2-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردىلا ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى تۆۋەنكى قاغاتۇر كەنتىدىكى قېيۇم ناماننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، يەنە ياردەملىشىدىغان ئىشلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىدى، بۇ ئۆي ئۇنىڭ يەنە بىر ئۆيىدەكلا ئىدى.
قېيۇم بوۋاي ئۆز ئۆيىدە ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى تۇغقانلاشقان كادىرلار بىلەن بىرلىكتە 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋاڭ شياۋفېڭنىڭ 37 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدى.
ئوخشاشلا يەنە 2-ئاينىڭ 24-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسىدىكى «شىيۈەن» يەل قازان شورپىخانىسىدا خوجايىن دۇ داۋچيۇڭ خىزمەتچىسى ئامانگۈل تۇردىنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئامانگۈلنىڭ 12 ياشلىق ئوغلى ئۈمىد ھەسەننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى.
«تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» دىكى ئۇنتۇلغۇسىز تۇغۇلغان كۈن
ۋاڭ شياۋفېڭ 2-ئاينىڭ 23-كۈنى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا كەنتى تۆۋەنكى قاغاتۇر كەنتىگە يېتىپ باردى. تۇغقىنى بىلەن تۇنجى كۆرۈشۈشتە ئۇ ئالاھىدە تەييارلىغان چاي، قەنت-گېزەك، تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى تۇغقىنى قېيۇم بوۋايغا بەردى.
شۇ كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە قېيۇم بوۋاي تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىلىك تۇغقىنىنىڭ بولغانلىقىدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندى. ئۇ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تۇغقانلىشىش ئالاقە كارتىسىدىن ۋاڭ شياۋفېڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى كۆرۈپ، ۋاڭ شياۋفېڭنىڭ 37 ياشقا كىرىدىغان تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئەتىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدى.
قېيۇم بوۋاي ئەتىسى ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى باشقا كادىرلارغا كەچتە ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بىرلىكتە ۋاڭ شياۋفېڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بەردى.
تۇغۇلغان كۈن تورتى تەييارلاش، خېمىر يۇغۇرۇش، كۆكتات تەييارلاش، قورۇما قورۇش... قېيۇم بوۋاي ئوغلى ۋە كېلىنى بىلەن «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» گە كەلگەن كادىرلارغا مول كەچلىك تاماق تەييارلىدى. تۇغۇلغان كۈن تورتىدىكى شام ئۆينى يورۇتقاندا، ۋاڭ شياۋفېڭنىڭ كۆزلىرىگە ياش كەلدى.
كۆپچىلىك بىرلىكتە ئېيتقان «تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى»غا ئەگىشىپ، ۋاڭ شياۋفېڭ شاملارنى ئۆچۈرۈپ، بىرىنچى پارچە تورتنى قېيۇم بوۋايغا سۇندى.
ۋاڭ شياۋفېڭ: «بۇ مېنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك، ئۇنتۇلغۇسىز تۇغۇلغان كۈنۈم بولدى، قېيۇم تاغامغا رەھمەت! كۆپچىلىككە رەھمەت!» دېدى. قېيۇم بوۋايمۇ ۋاڭ شياۋفېڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «ئەمدى تۇغقان بولدۇق، بىر ئۆمۈر تۇغقان بولىمىز!» دېدى.
مەڭگۈلۈك ياخشى ئاچا-سىڭىل، ياخشى ئاكا-ئۇكا
ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە تۇغقانلار مەڭگۈلۈك تۇغقانلىشىشقا ۋەدىلەشتى، يوپۇغا ناھىيەسىدە بولسا تۇغقانلار مەڭگۈلۈك ئاچا-سىڭىل، ئاكا-ئۇكىلاردىن بولۇپ قالدى. يوپۇغا ناھىيەسىدىكى «شىيۈەن» يەل قازان شورپىخانىسىدا خوجايىن دۇ داۋچيۇڭ خىزمەتچىسى ئامانگۈلنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئامانگۈلنىڭ ئوغلى ئۈمىدنىڭ 12 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدى.
يوپۇغا ناھىيەسىدە دۇ داۋچيۇڭ بىلەن ئامانگۈلنىڭ ئاچا-سىڭىللىق مېھرى قىزىق پاراڭغا ئايلاندى. ياللانمىلىق مۇناسىۋەت بولسىمۇ، دۇ داۋچيۇڭ ئامانگۈلنى ئۆز سىڭلىسىدەك كۆرەتتى. 2012-يىلى يەل قازان شورپىخانىسى تىجارەت باشلىغان كۈندىن باشلاپ، ئامانگۈل بۇ يەردە ئۇدا ئالتە يىل خىزمەت قىلدى، ئۇلار ئۆزئارا ياردەم بېرىشىپ، ئورتاق بېيىدى.
دۇ داۋچيۇڭنىڭ ياردىمىدە ئامانگۈلنىڭ ئېرى ھەسەنجان ئامانشاھ پارنىكتا تېرىقچىلىق قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە ئۇ دېھقانلار ئۈچۈن پارنىكلارنى باشقۇرۇپ بەرسە، بەزىدە يەل قازان شورپىخانىسىغا بېرىپ ياردەملەشتى، شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ يىللىق كىرىمى خېلى كۆپەيدى.
ئامانگۈل: «دۇ داۋچيۇڭ ئۆز ئاچامغا ئوخشايدۇ، ئىككى ئائىلىدىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىمىز، بۈگۈن ئوغلۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، ئۇلار ئوغلۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى، مەن بۈگۈنكى تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدىنلا ئەمەس، ئالتە يىلدىن بۇيان بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىزگە قىلغان ياردىمىدىن تەسىرلەندىم» دېدى.
دۇ داۋچيۇڭ: «بۇنىڭدىن كېيىن بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنە داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ياردەمدە بولۇپ، بىرلىكتە باي بولىمىز. ئۈمىدنىڭ يېشى ئوغلۇم بىلەن تەڭ، بىز ئۇنى ئۆز ئوغلىمىزدەك كۆرىمىز، ئۇنىڭ خۇشال ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى. مېھىر-مۇھەببەت چوڭقۇرلىغانسېرى، تۇغقانلار مېھرىمۇ چوڭقۇرلايدۇ. بۇ ئىككى ئائىلىدىكى بالىلارمۇ كۈندە بىرلىكتە ئۆگىنىش قىلىپ، بىرلىكتە چوڭ بولماقتا، ئۇلار مەڭگۈلۈك ئاكا-ئۇكىلاردىن بولۇپ، كۆيۈمچان بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولىمىز، دېيىشتى.
مېھرىبان يالقۇن تەرجىمىسى