(2016- يىل 11- ئاينىڭ 7- كۈنى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24- يىغىنىدا ماقۇللاندى)
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
57- نومۇرلۇق
«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى سودا قانۇنى> قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» 2016- يىل 11- ئاينىڭ 7- كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24- يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ
2016- يىل 11- ئاينىڭ 7- كۈنى
12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24- يىغىنى مۇنداق قارار چىقاردى:
...
9. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى
18- ، 19- ماددىسى چىقىرىۋېتىلدى.
...
بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى سودا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز ئۈستى قاتنىشى بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارخىپ قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو- چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەنتەربىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشيول قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېتېئورولوگىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساياھەت قانۇنى» مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.