تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن

قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئۆمەرجان مەمەت

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى پىلانلاپ، تەشكىللەپ، سادىر قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ‹‹مىللەت››، ‹‹دىن›› تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىككە قۇترىتىپ، ۋەقە تۇغدۇرۇپ، مالىمانچىلىق پەيدا قىلىپ، بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇندى، بىز بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمايمىز!
     مەن ئۆزۈمنى باش نىشاندىكى تەلەپلەرگە سېلىشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇشقا، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە ئىتتىپاقلاشتۇرىمەن، يېتەكلەيمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشانغا يېتىشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بوشاڭلىق، بىخۇدلۇق ئىدىيەسىنى تۈگىتىپ، تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، زوراۋان – تېررورچىلارغا قىلچە پۇرسەت بەرمەيمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى خاتىرجەم ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن.
     مەن خىزمەت ئەمەلىيىتىگە، ئىش ئورنىغا، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە باتۇرانە ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ھالىتى بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىمەن، ئۆزلەشتۈرىمەن، كاللىغا، ئىدىيەگە سىڭدۈرىمەن؛ مەركىزىي خىزمەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن. غايە – ئېتىقادىمنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، سىياسىي ئېڭىمنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىمنى پائال ياخشىلاپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلامچىسى، زىممىگە ئالغۇچىسى بولىمەن.
     مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، باش نىشانغا يېتىشنىڭ ئەمەلىيەتچىسى بولىمەن. مەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ھەقىقىي بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش بىلەن تەپەككۇر قىلىش، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىش، بىلىش بىلەن قىلىشنىڭ يۈكسەك بىرلىكىدە چىڭ تۇرىمەن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىدىيەمگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىمگە ئايلاندۇرۇپ، خىزمەت ئورنۇمدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمدە گەۋدىلەندۈرۈپ، كونكرېت خىزمەتكە سىڭدۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرىمەن، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئاتىمەن. مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنىڭ ئېغىر خەۋپىنى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە قارشى ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇيمەن. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئىشەنچىم ۋە ئىرادەمنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيمەن؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ