تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2017–يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىق نىسبىتى ئۈچ پىرسەنت پوئېنتقا يېقىن تۆۋەنلىدى

317 مىڭ 400 نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدى

     دۇڭ شاۋخۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش–ئېچىش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2017–يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا 317 مىڭ 400 نامرات ئاھالە، 331 نامرات كەنت، ئۈچ نامرات ناھىيە نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقىش ئۆلچىمىگە يەتكەن.
     ئاپتونوم رايون 2017–يىلى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى زور تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلغان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ، 22 ئېغىر نامرات ناھىيە، 1962 ئېغىر نامرات كەنت، 1 مىليون 627 مىڭ 500 ئېغىر نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى، سىياسەتنى، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا باسقۇچلۇق نەتىجىگە ئېرىشكەن.
     ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2014–يىلىدىن 2017–يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا نامراتلارنى ئازايتىش ئومۇمىي ۋەزىپىسى %52 تاماملانغان، نامراتلىق نىسبىتى 2016–يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %15.51 تىن 2017–يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %12.63كە تۆۋەنلەپ، 2.88 پىرسەنت پوئېنت كېمەيگەن.
     ئاپتونوم رايون بۇلتۇردىن باشلاپ يۆلەش ئوبيېكتىلىرىنى ئىككى قېتىم قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ‹‹ئاھالىلەردە كارتا بولۇش، يېزىدا تىزىملىك بولۇش، ناھىيەدە ئارخىپ بولۇش، ۋىلايەتتە ھۆججەت بولۇش، ئاپتونوم رايوندا نامراتلار ئۇچۇرى ئامبىرى بولۇش››نى ئىشقا ئاشۇرغان ھەم شىنجاڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىم مۇكەممەل بولغان ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنت بەش دەرىجىلىك نامراتلار ئۇچۇرى ئامبىرىنى قۇرۇپ، تەكتى ئېنىق بولماسلىق، ئەھۋال ئېنىق بولماسلىق، ئارخىپ–كارتىلاردىكى ئۇچۇر ھەقىقىي بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالغان.
     شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹يەتتە بىر تۈركۈم››، ‹‹ئۈچ سالماقنى زورايتىش››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرغان. ‹‹يەتتە بىر تۈركۈم›› دېگىنىمىز، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈمگە ياردەم بېرىش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈمگە ياردەم بېرىش، يەرلەرنى ئېنىقلاپ قايتا تەقسىم قىلىش ئارقىلىق بىر تۈركۈمگە ياردەم بېرىش، چېگرا قوغدىغۇچىلىققا قويۇپ بىر تۈركۈمگە ياردەم بېرىش، ئېكولوگىيەلىك تولۇقلىما بېرىش ئارقىلىق بىر تۈركۈمگە ياردەم بېرىش، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش ئارقىلىق بىر تۈركۈمگە ياردەم بېرىش، ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي كاپالەت تەدبىرى ئارقىلىق بىر تۈركۈمگە ياردەم بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. ‹‹ئۈچ سالماقنى زورايتىش›› دېگىنىمىز، مائارىپنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇش، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلىقنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشنى كۆرسىتىدۇ. ئاپتونوم رايون بۇلتۇر يۇقىرىقى تەدبىرلەر ئارقىلىق، 35 نامرات ناھىيەدىكى دېھقان–چارۋىچىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 8836 يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %9.7 كۆپەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 1.7 پىرسەنت پوئېنت ئاشۇرۇشنى مۆلچەرلىدى.
     ئاپتونوم رايون بۇ يىل پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، نازارەت قىلىپ باھالاشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە يېڭى قەدەم تاشلاپ، يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى پەللىگە يۈكسىلىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ