تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشقان مېھىر–مۇھەببەت

كوۋ جۈنفېڭ، ئەن يەن، ما شىنلياڭ

    _ ‹‹بوۋا، ئىشىكنى ئېچىڭ، سىزنى يوقلاپ كەلدىم!›› دەپ توۋلىدى باھاي ئىسھاق چاغان ھارپىسىدا ئارا تۈرۈك ناھىيەسى يەنچى بازىرى خۇەنسەييەن مەھەللىسى 2 – رايون 27 – نومۇرلۇق بىنادىكى بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ. چېچى ئاقارغان، ئەمما تېتىك بىر بوۋاي ئىشىكنى ئېچىپ باھاي ئىسھاقنى ئۆيگە باشلىدى.
     بوۋاي پەخىرلەنگەن ھالدا ‹‹بۇ مېنىڭ نەۋرەم›› دەپ تونۇشتۇردى.
     بوۋاينىڭ ئىسمى جاڭ گومىن، بۇ يىل 82 ياش، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چارۋىچىلىق فېرمىسىنىڭ پېنسىيونېرى، بوۋاينىڭ بىر قىزى، بىر ئوغلى بولۇپ، ئوغلى روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانىدى، قىزى بىلەن كۈيۈ ئوغلى تىجارەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ، بوۋاينىڭ يېنىدا دائىم تۇرۇپ بولالمايتتى. 2016 – يىلى نويابىردا باھاي ئىسھاق جاڭ گومىن بىلەن تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، بوۋاينىڭ ئۇيغۇر نەۋرىسى بار بولدى.
     باھاي ئىسھاق يەنچى بازارلىق يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات مەركىزىنىڭ كادىرى، بۇ يىل 39 ياش، ئاتا – ئانىسى يەنچى بازىرىنىڭ ئارا مەھەللە كەنتىدە ئولتۇرىدۇ، جاڭ گومىن بىلەن بىر كەنتتىن. ‹‹بوۋام بىلەن جاڭ بوۋاي يېقىن دوستلاردىن ئىدى، ئۇلار ياش ۋاقىتلىرىدا بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە ئويناپ، بىر كاڭدا يېتىپ  –  قوپقان ئىكەن، بوۋام 95 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى، جاڭ بوۋاينى كۆرسەم خۇددى بوۋامنى كۆرگەندەك بولىمەن، جاڭ بوۋامنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن نەچچە ئەۋلاد داۋاملاشقان مېھىر – مۇھەببىتىمىز بار›› دېدى باھاي ئىسھاق.
     جاڭ بوۋاينىڭ ئوغلىنىڭ روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغىنىغا ئۇزاق يىل بولغانىدى. بوۋاي 2017 – يىلى 4-ماي چۈشتە باھاي ئىسھاققا: ئوغلۇمنى تاپالمايۋاتىمەن، دەپ تېلېفون قىلدى، باھاي ئىسھاق قولىدىكى ئىشنى تاشلاپ، ھەممە يەرنى ئىزدەپ، بوۋاينىڭ ئوغلىنى ئاخىر كالا قوتىنىدىن تاپتى. بۇنداق ئىش بۇرۇنمۇ نەچچە قېتىم بولغانىدى. باھاي ئىسھاق ئەتىسى بوۋاينىڭ ئوغلىغا توكى ئۇزاق يېتىدىغان تېلېفون ئېلىپ بەردى.
     بوۋاي مىننەتدارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: ئوغلۇم بۇ تېلېفونغا بەك ئامراق، يېنىدىن ئايرىمايدۇ، مەن خالىغان ۋاقىتتا تېلېفون قىلىپ ئۇنى تاپالايمەن.
     باھاي ئىسھاق ھېيت – بايراملاردا جاڭ بوۋايغا ئۇن، ياغ، گۆش ئەكىلىپ بېرىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىدە، باھاي ئىسھاق خوتۇنى بىلەن قىزىنى ئېلىپ جاڭ بوۋاينىڭ ئۆيىگە كەلدى، بىرىنچى كۈنى ھەممەيلەن جەم بولۇپ تۈگرە تۈگدى، ئەتىسى باھاي ئىسھاقنىڭ خوتۇنى ئوخشىتىپ سۇيۇقئاش ئەتتى، ئۈچىنچى كۈنى بوۋاي – موماي ئىككىيلەن ئۇلارغا ياپما ئېتىپ بەردى.
     2018 – يىلى يېڭى يىل كۈنى يېرىم كېچىدە، زۇكامداپ قىزىپ قالغان جاڭ بوۋاي ھاجەتكە چىققاندا يىقىلىپ كېتىپ پارغا ئۈسۈۋالغان ھەم پۇتىنى كۆيدۈرۈۋالغانىدى.
     جاڭ بوۋاي مۇنداق دېدى: مەن زۇكامداپ قىزىپ قالغاچقا، ئەس – ھوشۇم جايىدا ئەمەس، پۇتۇمنىڭ كۆيگىنىنىمۇ سەزمەپتىمەن، خوتۇنۇم باھايغا تېلېفون قىپتۇ، باھاي بىردەمدىلا يېتىپ كەلدى.
     باھاي ئىسھاق جاڭ بوۋاينىڭ پۇتىنى دورىلىق سۇغا چىلىدى، يەنە پېشانىسىگە ھۆل لۆڭگە قويۇپ بوۋاينىڭ قىزىتمىسىنى چۈشۈردى، ئۇ كېچىچە جاڭ بوۋايدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدى.
     باھاي ئىسھاق ئەتىسى جاڭ بوۋاينى بازارلىق دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. بوۋاينىڭ ۋىرۇسلۇق زۇكامغا گىرىپتار بولغانلىقىنى، ئوكۇل سالدۇرۇش كېرەكلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ھەر كۈنى ئوكۇل سالدۇرغىلى ئېلىپ باردى، خىزمىتى ئالدىراش بولۇپ قېلىپ ۋاقىت چىقىرالمىغاندا، دوستلىرىنى بوۋاينى ئاپىرىپ  –  ئەكىلىشكە ئورۇنلاشتۇردى.
     جاڭ بوۋاينىڭ خوتۇنى مۇنداق دېدى: باھاي ئىسھاق تولىمۇ ئەستايىدىل، شۇ كۈنلەردە ئۇ بەك ئەسقاتتى، يەنە تېخى ئىككى توخۇ سويۇپ ئەكىلىپ بەردى، ئۇنى تولىمۇ چارچىتىپ قويدۇق، بۇنىڭدىن بەك تەسىرلەندىم.
     يەنچى بازارلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى ئەلىجان ھامۇت مۇنداق دېدى: باھاي ئىسھاق تولىمۇ ئاق كۆڭۈل، بۇلتۇر ناھىيە ۋە بازار بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدا نەمۇنىچى بولۇپ باھالاندى.
     باھاي ئىسھاق جاڭ بوۋاينى قولتۇقلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: جاڭ بوۋام مېنى نەۋرىسىدەك كۆرىدۇ، ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا بوۋام بىلەن بىللە بوزيەر ئېچىپ دۆلەتكە تۆھپە قوشقان، مەن چوڭلارغا ئاز – تولا ۋاپادارلىقىمنى يەتكۈزدۈم خالاس.
     جاڭ گومىن مۇنداق دېدى: ھازىر دۆلەتنىڭ سىياسىتى ياخشى، ئەر – خوتۇن ئىككىمىز ئايدا 5500 يۈەن ئەتراپىدا پېنسىيە مائاشى ئالىمىز، يەنە ھەر يىلى 7200 يۈەن ياشانغانلار تولۇقلىمىسى، 8000 يۈەن يايلاق تولۇقلىمىسى بېرىدۇ، بازارلىق ھۆكۈمەت ئوغلۇمغا خىزمەت ھەل قىلىپ بەردى، ئايدا 1200 يۈەن مائاش بېرىدۇ، مەن ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدىن تولىمۇ مىننەتدار، پارتىيە، ھۆكۈمەتكە كۆپ رەھمەت.

 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ