تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسى پۈتۈلدى

ليۇ يى

     ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلنى ئەسلىگىنىمىزدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئۇسۇلنى ياخشىلاشنى تېزلىتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشى تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ياراتتى.

     تەمىنلەش ھالقىسىغا كۈچەلدى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدا خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، شۇنداقلا تەرەققىيات بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىگىمۇ دۇچ كەلدى، تەمىنلەش سۈپىتى يۇقىرى بولماسلىق، يېزا  ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرمىسى يېتەرلىك، مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى، دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى چەكلەپ قويغاچقا، تەمىنلەش ھالقىسىغا كۈچەش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلدى.

     2017-يىلى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىدى بازىرى چوزا كەنتىدىكى ليۇ جيەنشىن يېڭى بۇغداي سورتىنى تېرىدى. بۇ خىلدىكى بۇغداي قارىماققا ئادەتتىكى بۇغدايدىن پەرقلەنمىسىمۇ، ئۇن تارتقاندا ھەم چىڭ، ھەم يېپىشقاق بولغاچقا، بولكا سېلىشقا بەك ماس كېلەتتى.

     ليۇ جيەنشىن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ھوسۇل مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى، ھازىر سېتىش مۇھىم بولۇپ قالدى. بۇ يىل مەن يەرلىكتىكى بىر ئۇن تارتىش كارخانىسى بىلەن يېپىشقاق بۇغداي سېتىش-سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدىم. كارخانا ئۇرۇق بىلەن تەمىنلەشكە، مەن تېرىشقا مەسئۇل بولدۇم، بۇغداينى سېتىشتىن غەم يېمەيدىغان بولدۇم.

     بۇ خىل بازار ئېھتىياجىنى نىشان قىلغان يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى سەرخىللاشتۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئوبوروت قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ تاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2017-يىلى كېۋەز سورتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشتا ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلغان پاختىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى، بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە كېۋەزنىڭ رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى سىجىل سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، تەننەرخنى تېجەپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئاساس قىلىنغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەندىزە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئۈزلۈكسىز ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا مەركەزلىشىپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك ئۆستى. «تۆتتە ياخشى، بىردە قېلىپلاشقان بولۇش» ئۆلچەم قىلىنغان ئۆلچەملىك باقمىچىلىق ئەندىزىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ئاساسلىقى چارۋا، قۇشلارنىڭ سېتىلىش نىسبىتى ۋە مەھسۇلات مىقدارى كۆرسەتكۈچى ئومۇميۈزلۈك ئاشتى. ئاپتونوم رايونىمىز باغۋەنچىلىكتە تۈجۈپىلىك ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىر تۈركۈم ئۆلچەملىك مېۋىلىك باغلارنى ئۆزگەرتىپ ۋە بەرپا قىلىپ، ئۆزگەرتىش كۆلىمىنى 1 مىليون 780 مىڭ موغا يەتكۈزدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى سەككىز ناھىيە- شەھەردە، 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 80 مىڭ مو ئىقتىسادىي باغ- ئورماننىڭ سۈپىتىنى دەل جايىدا ئۆستۈرۈش ئۈلگە تۈرىنى يولغا قويۇپ، باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

     شۈ تاۋ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات تۈرلىرىنىڭ بىر-بىرلەپ يولغا قويۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بەخش ئەتتى. 2017-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا 1-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 2016-يىلىدىكىدىن %5.6 ئاشتى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 2016-يىلىدىكىدىن %5.8 ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بازار ئېھتىياجىنى نىشان، سۈپەت-ئۈنۈمنى بۆسۈش ئېغىزى قىلغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىش يولى تېز شەكىللەندى.

     كەسىپلىشىش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئېشىشنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەسى ھاسىل قىلىندى

     يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تېخىمۇ كۆپ ئاددىي دېھقان ئائىلىلىرىمۇ يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مارشىنى ياڭراتتى، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋاتقان يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسى ئۇلارنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى.

     «ئىلگىرى چىگىتلىك پاختا ساتاتتۇق، ھازىر چىگىتسىز پاختا ساتىدىغان بولدۇق». ساۋەن ناھىيەسىنىڭ ليۇماۋۋەن بازىرىدىكى پاختىكار ۋاڭ شېڭشىننىڭ ئاددىي بىر ئېغىز سۆزى پاختىچىلىق كەسپىدىكى بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرگەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ناھىيەدە «جۈلى» پاختىچىلىق كەسپى كوپىراتىپى-كارخانا بىرلەشمىسى قۇرۇلدى، ئوغۇت، پاختا زاۋۇتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قاتارلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار كارخانىلار بۇ كوپىراتىپ- كارخانا بىرلەشمىسىگە ئەزا بولدى، ئۆزىمىز ئىشلەپچىقارغان پاختا ھەر جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، ساتقاندا پاختا زاۋۇتى چىگىتسىز پاختىنىڭ باھاسىغا ئاساسەن دېھقانلارغا پايدا بېرىپ، دېھقانلار بىلەن پىششىقلاش جەھەتتە جىپسىلىشىپ، كەسىپ زەنجىرىنى تۇتاشتۇردى، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ئاشتى.

     كارخانىلار بىلەن دېھقانلارنىڭ تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىقى، ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشقان كەسىپ ئەندىزىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالدى.

     ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدىن باشقا، بازار ساھەسىنىڭ كېڭىيىشىمۇ داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلدى. شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى 2017-يىلى 11-ئايدا بېيجىڭدىكى مەھەللىلەردە سېتىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. شۇ ئايدا، شىنجاڭنىڭ 100 خىلدىن ئارتۇق ئىنچىكە پىششىقلانغان ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى قاچىلانغان، كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەنگەن چوڭ ئاپتوموبىللار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېيجىڭ شەھىرىدىكى سەككىز مەھەللىگە ئورۇنلاشتى، ئىستېمالچىلار ئىشىك ئالدىدىلا شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالدى. ئاپتوموبىلدا توشۇپ كېلىنگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ناھايىتى تېزلا سېتىلىپ بولدى، قالغان سېتىش يوللىرى رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرغۇسى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر بىر قىسىم كارخانىلار بېيجىڭ شەھەرلىك پوچتا شۆبە شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، ئىستېمالچىلار پوچتا ئىدارىسى تىجارەت زالىدا شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالسا بولىدىكەن، يەنە توردا تالون كەستۈرۈش، پوچتىخانىدىن مال ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، قولاي مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولسا بولىدىكەن.

     بۇنداق مەھسۇلاتلارنى سىرتقا چىقىرىش ئۇسۇلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى نورمال ھالەتكە ئايلاندى.

     ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئاپتونوم رايونىمىز 2017-يىلى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاشقى سودا ۋەزىيىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى. تاموژنا تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2017- يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، شىنجاڭدىكى چېگرا پورتلىرىدىن ئېكسپورت قىلىنغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى 403 مىڭ توننىغا يېتىپ، 2016-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %15، سودا سوممىسى 3 مىليارد 190 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2016-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %23.4 ئاشقان، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار قىممىتى كەسكىن بازار رىقابىتىدە تېخىمۇ كەڭ ئېتىراپقا ئېرىشكەن.

     يېزىلاردا قۇرۇلۇش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئېسىل «تۇپراق» يېتىلدۈرۈلدى ۋە راۋاجلاندۇرۇلدى

     يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     2017-يىلى توققۇزتارا ناھىيەسى تاشتۆپە يېزىسى باقباي كەنتىدە خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. كەنت يوللىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كەنت ئاھالىلىرى سەپەرگە چىققاندا ئايلىنىپ يۈرمەيدىغان بولدى، قاتناشنىڭ راۋانلىشىشى بىلەن چۇغلۇق پىششىقلاش كارخانىسى بۇ كەنتكە جەلپ قىلىندى، كارخانا شۇ جايدىكى دېھقانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ چۇغلۇق تېرىپ، كەنتنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلەر تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەك بولدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1-شۇجىسى شيا خۇا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە بىز چۇغلۇق سەيلە-ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە ئالاقىدار كەسىپلەرنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلا بولساق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش يوللىرى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ.

     ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كەنتتىكىلەرنى بېيىتىشتا، سۇ، توك، يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. شۈ تاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2017-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ سېلىنما سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايتىلىپ، پۈتۈن يىلدا يېزىلاردا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى تۈرىدىن 40ى يېڭىدىن يولغا قويۇلدى (داۋاملاشتۇرۇلدى)، بۇنىڭدىن يېڭىدىن 550 مىڭ كىشى مەنپەئەتلەندى؛ يېزا يولى قۇرۇلۇشىغا 42 مىليارد 375 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، جەمئىي 28 مىڭ 40 كىلومېتىر قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا تاشيولى ئومۇمىي مۇساپىسى 125 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، يېزا-بازارلارغا تاشيول تۇتاشتۇرۇلۇش نىسبىتى %100كە، راۋانلاشتۇرۇلۇش نىسبىتى %99.5 كە يەتتى.

     ئۇل ئەسلىھە دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلىدى، شۇنداقلا دېھقانلارغا تېخىمۇ بەخت ئېلىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇردى. 2017-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يېزىلارنىڭ ئۈچ يىللىق ھەقسىز يەسلى قوش تىل مائارىپىدا تارىخىي بۆسۈش ھاسىل قىلىندى؛ ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى پۇختا قانات يايدۇرۇلۇپ، 2-قېتىملىق ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى تولۇق تاماملاندى.

     يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلايدىغان بىر قاتار قۇرۇلۇشلار كەينى-كەينىدىن يولغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىنىڭ قىياپىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، يېزىلاردىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشى داۋاملىق ياخشىلاندى. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلگەچكە، يېزىلارنىڭ يېڭى تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئېسىل «تۇپراق» ھازىرلاندى.

     شۈ تاۋ مۇنداق دېدى: 2018-يىلى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى تۇنجى يىل، شۇنداقلا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش باشلانغان يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يېتىلدۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېزا- كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ