تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

خەلق داھىيسى

    چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا «خەلق گېزىتى» بىلەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىشىپ تور مىكرو فىلىمى «خەلق داھىيسى» نى ئىشلىدى. قېنى ئەمسە شى جىنپىڭنىڭ ئاۋازىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئىزلەيلى.
    ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئون نەچچە ياشلىق شى جىنپىڭ بېيجىڭدىن شەنشىنىڭ يەنئەندىكى لياڭجياخې دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك كەنتىگە يېتىپ بېرىپ شۇ جايدا دېھقان بولدى.
    يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن جاپالىق ئىدى. ئۇ يۇرتداشلارنىڭ تويغۇچە بىر ۋاق گۆش يېيىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۇنىڭدا كېيىن شارائىت ۋە پۇرسەت بولسا، سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئامما ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش ئىستىكى تۇغۇلدى.

     خېبېي، فۇجيەن، جېجياڭ، شاڭخەي، قايسىلا جايدا ۋەزىپە ئۆتىسۇن، ئۇ شۇ جايغا بەخت ئېلىپ كەلدى.
    ئۇ مۇنداق دېدى: ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چوقۇم ھەممە كەنتكە بېرىشى، ۋىلايەتلىك، شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چوقۇم ھەممە يېزا-بازارغا بېرىشى، ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چوقۇم ھەممە ناھىيە، شەھەر، رايونغا بېرىشى كېرەك. ئەگەر بىزدە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قەلب بولسا، ئورنىمىز قانچە يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كۆڭلىمىز يەنىلا خەلقنىڭ ھالىدا بولىدۇ.

    2012-يىلى شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلاندى.
    ئۇ مۇنداق دېدى: خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز.

    ئۇنىڭ قەلبى ھەر ۋاقىت قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا باغلانغان. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلق نېمىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولسا، بىز شۇنى تۇتۇشىمىز كېرەك. خەلق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئېھتىياجلىق بولسا، بىز نامراتلارنى يۆلەشنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.
    ئۇ قازاننىڭ تۇۋىقىنى ئېچىپ، ئاممىنىڭ نېمە يەۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئۆيىنىڭ ئىسسىق-سوغوقلىقىغا كۆڭۈل بۆلدى، ئۇ يېزا-كەنتلەردە ھاجەتخانىلارنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلار ئۈچۈن خۇشال بولدى.

    ئۇ مۇنداق دېدى: 2020-يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزدە ھازىرقى ئۆلچەم ئاستىدا نامرات نوپۇسلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.  بۇ بىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىمىز.

    ئۇ ئاممىغا مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۈزگەن سىياسەت، تەدبىرلەرگە خۇشال بولۇش-بولماسلىقىڭلارغا قارايمىز. ئەگەر خۇشال بولمىساڭلار بىز دىققەت قىلىپ، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكلىرىنى ئۆزگەرتىمىز، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز.
    ئۇ مۇنداق قارايدۇ: خەلق ئاممىسى نېمىگە قارشى تۇرسا، نېمىدىن نەپرەتلەنسە، بىز شۇنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە شۇنىڭغا زەربە بېرىشىمىز كېرەك. خەلق ئاممىسى چىرىكلىكتىن ئەڭ بىزار، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.
    ئۇ مۇنداق تەلەپ قىلىدۇ: چىرىكلەشكەن ئۇنسۇرلاردىن بىرى بايقالسا بىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، چىرىكلىك بولسىلا جەزمەن جازالاش، خىيانەتچىلىك بولسىلا، جەزمەن تازىلاش كېرەك. ئۇنى ئامما «چىرىك ئۇنسۇرلارنى يوقاتقۇچى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بەخت يۇلتۇزى» دەيدۇ. ئۇ: پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئۈمىدىنى چوقۇم يەردە قويمايمەن، دېدى.

    ئۇزاق مۇددەتلىك تىرىشچانلىقتىن كېيىن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى!
    ئۇ مۇنداق دېدى: تارىخنى خەلق  يازغان، بارلىق مۇۋەپپەقىيەت خەلققە مەنسۇپ. بىز پەقەت خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، خەلققە يېقىندىن تايانساقلا، چەكسىز كۈچكە ئىگە بولۇپ، بوران-چاپقۇنلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.

    ئۇ خەلق ئارىسىدىن چىققان، ھەمىشە خەلقنى ئويلايدۇ، باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەيدۇ. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندا ئۇ بىزنى يېتەكلەپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ