ئۆز خەۋىرىمىز: چاغان ھارپىسىدا، كورلىنىڭ چوڭ-كىچىك رەستىلىرىگە ئوتقاشتەك قىزىل پانۇسلار ۋە ھەر خىل بايراملىق بېزەكلەر ئېسىلىپ، «نەشپۈت يۇرتى» دەپ نام ئالغان بۇ گۈزەل يۇرتنى بايرام تەنتەنىسىگە چۆمدۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، 14-فېۋرال، 700 مىڭدىن ئارتۇق گۈل كورلا شەھىرىدىكى چوڭ كۆۋرۈك، باغچا، مەيدانلار ۋە ئادەم كۆپ ئاممىۋى سورۇنلارغا تىزىلغان، شۇنىڭدەك 15 مىڭدەك چوڭ پانۇس ۋە بايراملىق بېزەك، 1200 دانە بايراق ئېسىلغان، 12 گۇرۇپپا چاغانلىق باغ-ئورمان مەنزىرىسى بەرپا قىلىنىپ، شەھەر ئىچى چىملىق يېشىللىق نىسبىتى 4000 كىۋادىرات مېتىردىن ئاشقان. ھەر خىل يارىشىملىق بايراملىق بېزەكلەر قۇملۇققا ئەڭ يېقىن كورلا شەھىرىدىكى بايراملىق قىزغىن كەيپىياتنى ئەۋجىگە چىقاردى.