تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

چاغاننى كۈتۈۋالايلى، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرەيلى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدىكى كادىرلار، ئىشچى–خىزمەتچىلەر قاغىلىق ناھىيەسىگە بېرىپ، ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

      جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئۈچ تۈركۈمدە قاغىلىق ناھىيەسىگە بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئامما بىلەن چاغاننى كۈتۈۋېلىپ، ئىتتىپاقلىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشكە تەشكىللىدى.

     13-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن دائىمىي كومىتېت ئورگىنىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئۇزىتىپ قويدى.
     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. دائىمىي كومىتېت ئورگىنىدىكى كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ھەقىقىي ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش داۋامىدا كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ئۇزاققىچە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
     دائىمىي كومىتېت ئورگىنى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بۇ قېتىمقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، قاغىلىق ناھىيەسىگە مۇددەتتىن بۇرۇن بېرىپ، ھال سوراش، ئەھۋال ئىگىلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى ھەم كەنتلەردە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئېغىر نامرات كەنتلەرگە ئەۋەتىلگەن 1-شۇجىلار بىلەن بىللە ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە تەييارلىق قىلدى.
     ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى مەزگىلىدە، دائىمىي كومىتېت ئورگىنىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھەر مىللەت ئامما بىلەن تاماقتا، يېتىپ-قوپۇشتا، ئەمگەكتە ۋە ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، ‹‹چاغاننى كۈتۈۋېلىش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تۈرتكە بولۇش›› قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى پائال قانات يايدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك سۆز-ئىبارە ۋە ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەر بىلەن يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەر مىللەت ئاممىغا يەتكۈزىدۇ.  

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ