ئۆز خەۋىرىمىز: ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چاغاننى خۇشال-خورام ئۆتكۈزۈشى، ئاممىنىڭ چاغان مەزگىلىدە گۆش سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بورتالا ئوبلاستى ھەر قايسى ناھىيەلەردە 8-فېۋرالدىن 12-فېۋرالغىچە ئارقا-ئارقىدىن زاپاس گۆش تارقاتتى. بورتالا شەھىرى 10-فېۋرالدىن 12-فېۋرالغىچە 11 سېتىش نۇقتىسىدا 70 توننىدىن ئارتۇق زاپاس گۆشنى بازارغا سالدى.
بورتالا ئوبلاستى ئوبلاست بويىچە جەمئىي 160 توننىدىن ئارتۇق زاپاس گۆشنى بازارغا سالغان. ئىگىلىنىشىچە، ئالاتاۋ شەھىرى دائىملىق تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلىلەرگە بىر تۇتاش گۆش بېلىتى تارقاتقان بولۇپ، ھەر بىر ئائىلە بېلەتكە ئاساسەن 3 كىلوگىرام قوي گۆشىنى ھەقسىز ئالالايدىكەن.