خىزمەتچىلەر تېلېفوندا خىزمەت ئورۇنلاشتۇرماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ھازىر جۇڭغار ئويمانلىقىدا سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇق بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇ جايغا جايلاشقان جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېگرىسىغا توغرا كېلىدىغان شىنجاڭ نېفىتچىلىك شىركىتىنىڭ نېفىت،گاز ساقلاش-توشۇش شىركىتى باش پونكىتىدىكى خىزمەتچىلەر يەنىلا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. بۇ باش پونكىت 1958-يىلى قۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، قارامايدىن مايتاغقا ماي يەتكۈزىدىغان تۇرۇبىنىڭ باش بېكىتى ئىدى. پونكىت قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، نېفىت ئىشچىلىرى تۈركۈملەپ ئالماشقان بولسىمۇ، بۇ باش بېكەت قاراماي-مايتاغ تۇرۇبىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى سۈپىتىدە كېچە-كۈندۈز مايتاغدىكى نېفىت خىمىيە سانائىتى بازىسىغا نېفىت يەتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ، ھەتتا ئېلىمىزنىڭ ھەر جەھەتتىكى قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا زور مەدەت، ياردەم بېرىپ كەلدى.