تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان دېھقان–چارۋىچىلار

   مېھرىگۈل ناسىر، ليۇ خۇڭ، ياۋ گاڭ

  مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك 3 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ زالىدىن تارقىلىۋاتقان ياڭراق ناخشا ساداسى مەكتەپنىڭ تەتىلدىن بۇيانقى جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ، مەكتەپكە ئالاھىدە ھاياتىي كۈچ بېغىشلىغانىدى. 5-فېۋرال ناھىيەدىكى يېزا – بازارلاردىن كەلگەن دېھقان – چارۋىچى ‹‹ئارتىس››لار بۇ يەردە مورى ناھىيەسىنىڭ 2018 – يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ رېپېتىتسىيەسىنى جىددىي باشلىۋەتكەنىدى.

  ـــ سەھنىگە چىققاندا چوقۇم ئورنۇڭلارنى ياخشى تېپىڭلار، كۈلۈمسىرەشنى ئۇنتۇماڭلار، ـــ ھەر بىر نومۇر ئاياغلاشقاندىن كېيىن، چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ رېژىسسورى پەن چياۋ ‹‹ئارتىس››لارغا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى بىرمۇ بىر جېكىلەيتتى.

  پەن چياۋ ناھىيەلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى، ئىلگىرى كۆپ قېتىم چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ تەييارلىق، رېپېتىتسىيە ئىشلىرىغا قاتناشقان، ئۆزىمۇ ناخشىچى بولغاچقا كۆپ قېتىم چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە سەھنىدە نومۇر ئورۇنلىغانىدى.

  ـــ بىز بۇ قېتىمقى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە 14 نومۇر تەييارلىدۇق، بۇ نومۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ناھىيەمىزدىكى 13 يېزا – بازار (مەيدان)دىكى دېھقان – چارۋىچىلار تەييارلىغان نومۇرلار ئىچىدىن تاللانغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ يىلقى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنى بىر قېتىملىق ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما باش رول ئالغان كېچىلىك دېيىشكە بولىدۇ، سەنئەت نومۇرلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئەتراپىمىزدىكى ياخشى ئادەم، ياخشى ئىش، قولۇم – قوشنىلار ئىناقلىقى قاتارلىق تېمىلار ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغاچقا، ئارتىسلار مەشىق قىلغانسېرى ۋەقەلىك ئىچىگە تېخىمۇ چوڭقۇر چۆكتى، ــ دېدى پەن چياۋ بۇ قېتىمقى سەنئەت كېچىلىكىدىكى ئۆزگىچىلىكنى چۈشەندۈرۈپ.

  رېپېتىتسىيە مەيدانىدا بېلىگە قىزىل پوتا تاقاپ، ‹‹ئېچىلدى گۈلسامساق قىپقىزىل›› دېگەن خەلق ناخشىسىغا كەلتۈرۈپ جۇشقۇن ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئارتىسلار دىققىتىمىزنى تارتتى، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى شۇنچىلىك يەڭگىل، شۇنچىلىك پىششىق ئىدى، ئارتىسلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشىنىڭ 50تىن ئاشقانلىقىغا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.

  ـــ تۇرمۇشىمىز كۈندىن – كۈنگە ياخشىلاندى، كىشىلەرنىڭ قارىشىدا ئۆزگىرىش بولدى، كەنتتىكىلەرمۇ تۇرمۇش سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، سىرتلارغا چىقىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشنى خالايدىغان بولدى، – دېدى شىجىر بازىرى شىجىر كەنتىدىكى شى لىجۈن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەنتتىكىلەرنىڭ روھىي ھالىتىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ.

  شى لىجۈن كەنتنىڭ مەدەنىيەت قابىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەدەنىيەت ئورۇنلىرى تەشكىللىگەن تۈرلۈك كۇرسلارغا قاتنىشىپ تۇرىدىكەن.

  ـــ پارتىيە، ھۆكۈمەت يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەنتلەردە ئازادە، يورۇق مەدەنىيەت ئۆيلىرىنى قۇرۇپ بەردى. بىزنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەردى، ئۇنىۋېرسىتېت، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بىزگە ئەمەلىي ۋە نەزەرىيەۋى بىلىملەرنى سۆزلەپ بەردى، ــ دېدى شى لىجۈن.

  شى لىجۈن 2016 – يىلى ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن شىجىر كەنتىدە ‹‹ئالتۇن باشاق›› ئۇسسۇل ئەترىتىنى قۇرغان، ئۇلار دېھقانچىلىقنىڭ ئارسال مەزگىلىدە ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ ئويۇن قويۇپ تۇرىدىكەن. ھازىر ئۇسسۇل ئەترىتىدە 50نەچچە ئادەم بار ئىكەن.

  ــ بۇ يىل بىز چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدىن ئىبارەت بۇ سەھنە ئارقىلىق شىجىر كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىمىز، ــ دېدى شى لىجۈن بىزگە. بۇ قېتىم شى لىجۈن ۋە ئۇنىڭ ئۇسسۇل ئەترىتى تۇنجى قېتىم چاغانلىق سەھنىگە چىقماقچى ئىكەن، بۇ ئىش ئۇنى تولىمۇ پەخىرلەندۈرۈپتۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنچ ئاتا قىپتۇ.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ‹‹خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش يېڭى ئىستىكىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، خەلقنى مول مەنىۋى ئوزۇققا ئىگە قىلىش شەرت›› دەپ كۆرسىتىلدى. مورى ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى ئاساسىي قاتلام ئەدەبىيات – سەنئەتچىلىرى ۋە مەدەنىيەت قابىللىرىنى ئاكتىپ يېتىشتۈردى، ھازىر مورى ناھىيەسىدىكى 13 يېزا – بازار (مەيدان)دىكى ھەر بىر كەنتتە ئويۇن قويۇش ئەترىتى قۇرۇلدى.

  ـــ ئىلگىرى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە نومۇرنىڭ ئازلىقىدىن غەم يەيتتۇق، مانا ئەمدى ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت پائالىيىتى بارغانسېرى جانلىنىپ، كۆپچىلىك چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە بەس – بەستە قاتنىشىدىغان بولدى. بۇ يىلقى كېچىلىكنى رەسمىي رېپېتىتسىيە قىلىشتىن بۇرۇن، نومۇرلار كۆپ قېتىم تاللاندى، ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئورۇنلانغان نومۇرلار كېچىلىكىمىزگە قاتنىشالايدۇ، ــ دېدى پەن چياۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ