تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

شيامېن تەسىراتى

  قۇربان مولنىياز

  قىزىم بۇلتۇر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ شيامېن ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى. قىزىمنى ئۆزۈم ئاپىرىپ قويماقچى بولۇپ بۇلتۇر 9 – ئاينىڭ 9 – كۈنى سەھەر سائەت 7 دە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىن قىزىم بىلەن شيامېنغا قاراپ ئۇچتۇق. ئايروپىلان ئالتە سائەت ئۇچقاندىن كېيىن شيامېن خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى، شيامېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خادىملار ئالدىمىزغا چىققانىدى. بىز شيامېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە قاراپ يول ئالدۇق. كۆپكۆك دېڭىز بويىدىكى گۈلزارلىق شەھەر شيامېن بىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى. بىز بارغان ۋاقىت دەل شيامېندا ‹‹كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9 – قېتىملىق ئۇچرىشىشى›› ئەمدىلا ئاخىرلاشقان ۋاقىتقا توغرا كەلگەچكە ، شيامېن شەھىرى بەك گۈزەللىشىپ كەتكەنىدى. دېڭىز بويىدا سەيلە قىلىۋاتقانلار، بېلىق تۇتۇۋاتقانلار، گاھ دېڭىزغا شۇڭغۇپ، گاھ كۆككە ئۆرلەپ ئۇچۇۋاتقان چايكىلار، شاۋقۇن – سۈرەنسىز كوچىلار... كۆككە تاقاشقان شيامېن قوش مۇنارى ئاجايىپ ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.

  شيامېن شەھىرى ‹‹شەھەر دېڭىزدا، دېڭىز شەھەردە››دەپ تەرىپلىنىدىغان بولۇپ، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئىكەن. شەھەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1565 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 21 گىرادۇس ئىكەن. شەھەرنىڭ كۆكەرتىلىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، تاشيول، پىيادىلەر يولىدىن باشقا تام، كۆۋرۈك، يول ياقىسى ئىشقىلىپ كۆكەرتكىلى بولىدىغانلىكى يەر گۈل – گىياھ بىلەن پۈركەنگەن ئىكەن. بىز ئەتىۋارلاپ ئۆيلىرىمىزگە قويۇۋالغان گۈللەرنى كوچىلاردا كۆرگىلى بولىدىكەن. شيامېنلىقلارنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭى يۇقىرى بولۇپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى قالايمىقان تاشلايدىغان، يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىشىدىغان، ۋارقىراپ – جارقىراپ خېرىدار چاقىرىدىغان، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە يۇقىرى ئاۋازدا سىگنال بېرىدىغان، گۈل – گىياھ، ئوت – چۆپلەرنى دەسسەپ نابۇت قىلىۋېتىدىغان ئىش – ھەرىكەتلەرنى كۆرگىلى بولمايدىكەن .

  شيامېن شەھىرى ‹‹جۇڭگو جۇغراپىيەسى›› ژۇرنىلىنىڭ باھالاپ بېكىتىشىدە ‹‹ئەڭ گۈزەل جاي›› دەپ باھالانغان، يەنە ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك پاكىز شەھەر››، ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك باغچىلاشقان شەھەر››، ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراشتىكى ئۈلگىلىك شەھەر››، ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرى››، ‹‹مەملىكەتلىك مەدەنىيەتلىك شەھەر›› دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن ئىكەن.

  ئاپتوبۇس بىلەن بىر سائەتتەك يۈرۈپ شيامېن ئۇنىۋېرسىتېتى (سىمىڭ مەكتەپ رايونى) غا يېتىپ كەلدۇق. شيامېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش ئورنىغا بېرىپ قىزىمنى تىزىملىتىپ، ياتىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ، مەكتەپ قورۇسىدىكى ئاشخانىدا غىزالانغاندىن كېيىن، قىزىم بىلەن مەكتەپ ئىچىنى ئايلىنىپ، شيامېن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن قىسقىچە تونۇشتۇم.

  شيامېن ئۇنىۋېرسىتېتى 1921 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ ‹‹211›› قۇرۇلۇش تۈر پىلانى، ‹‹985›› قۇرۇلۇش تۈر پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن ئۇنىۋېرسىتېت ئىكەن. مەكتەپ تۆت مەكتەپ رايونىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، 28 ئىنستىتۇت، 74 كەسىپ تەسىس قىلىنغان، 40 مىڭ ئوقۇغۇچى (1196 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى) بار ئىكەن.

  مەن مەكتەپنىڭ مەنزىرىلىك جايلىرى، مەكتەپ مەدەنىيەت كارىدورى، لۇشۈن خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدىم. ئۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپتە باشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بولمىغاچقا، قىزىم ئىككىمىز ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ شيامېن شەھىرىنى ئايلانماقچى بولدۇق. چۈنكى مەن چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە ئۈرۈمچىگە قايتماقچى ئىدىم.

  بىز مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ دېڭىز ساھىلىگە قاراپ ماڭدۇق. دېڭىز ساھىلى بىلەن مەكتەپنىڭ ئارىلىقى پىيادە ماڭسا ئون مىنۇتلۇقلا يول ئىكەن. دېڭىز ساھىلىدا ساياھەتچىلەر خېلى كۆپ بولۇپ، ساياھەتچىلەر گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلانغاچ، بەس – بەستە سۈرەتكە چۈشۈۋاتقان ئىكەن. ئىلگىرى بۇنداق گۈزەل مەنزىرىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، كۆڭلۈم ئېچىلىپلا قالدى، دېڭىزغا قاراپ چوڭقۇر – چوڭقۇر نەپەس ئالدىم. باشقا ساياھەتچىلەرنىڭ ياردىمىدە بۇ ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلاردىن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردۇق.

  دېڭىز ساھىلىنى ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن، شيامېن شەھەر رايونىنى ئايلانماقچى بولۇپ، تاكسى توستۇق. تاكسى شوپۇرىغا شىنجاڭلىق ئىكەنلىكىمنى، قىزىمنى شيامېن ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئەكىلىپ قويغىلى كەلگەنلىكىمنى، شەھەرنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىنى ئايلىنىپ كۆرۈش ئىستىكىمنى ئېيتتىم. ئۇ ‹‹شيامېنغا مېھمان ئىكەنسىلەر، قىزىڭىز ياخشى ئوقۇپتۇ، سىلەردىن پۇل ئالمايمەن››، دەپ ئاپتوموبىلىنى قوزغىدى. تاكسى شوپۇرىنىڭ سەمىمىيىتىدىن، مەدەنىيەتلىك كىشىلەرگە خاس سۆزلىرىدىن سۆيۈنۈپ، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتىم. تاكسى شوپۇرى بىرەر سائەت ئايلاندۇرغاندىن كېيىن بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، مۇشۇ جايدا غىزالانساڭلار بولىدۇ، دەپ ئاپتوموبىلىنى توختاتتى. تاكسى شوپۇرىنىڭ مۇلازىمىتىدىن رازى بولۇپ، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ، 100 يۈەن پۇل تەڭلىدىم. ئۇ ‹‹بايا سىزگە دېگەن، بۇ كۆڭلۈم››، دېگىنىچە كېتىپ قالدى. قىزىم بىلەن ئىككىمىز تاكسىنىڭ قارىسى يىتكىچە قاراپ تۇردۇق. تاكسى شوپۇرىنىڭ ماڭا قىلىپ بەرگىنى بىر ئاددىي ئىش بولسىمۇ، بۇ ئاددىي ئىشنىڭ كەينىدە ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مېھىر – مۇھەببەتنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى، ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ ھەقىقەتەن ئىللىق بىر چوڭ ئائىلە ئىكەنلىكىنى، بىز نەدىلا بولايلى قېرىنداش ئىكەنلىكىمىزنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. قايتىدىغان ۋاقتىم بولۇپ قالدى، مەن قىزىمدىن ئەۋزەل شارائىتنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ ۋەتەن، خەلققە ياراملىق ئادەم بولۇشنى ئۈمىد قىلىپ خوشلاشتىم. مەن شيامېندا تۇرغان قىسقىغىنا ئىككى كۈندە ۋەتىنىمىزنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى، نەقەدەر چوڭلۇقىنى، تەرەققىياتىنى، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ