تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2017–يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ GDPسى تۇنجى قېتىم تىرىليون يۈەندىن ئاشتى

  3 – كەسىپ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولدى

  دۇڭ شاۋخۇا، پىراكتىكانت سۇنيى ياڭزىنىڭ 9- فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىيات ئەھۋالى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى بىلەن، 2017 – يىلى شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) تۇنجى قېتىم تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، 1 تىرىليون 92 مىليارد 9 مىليون يۈەنگە يەتكەن، سېلىشتۇرما باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %7.6 ئاشقان.

  بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىدا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا 1 – كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 169 مىليارد 163 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %5.6 ئاشقان؛ 2 – كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 429 مىليارد 195 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %5.9 ئاشقان؛ 3 – كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 493 مىليارد 651 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %9.8 ئاشقان. تۆھپە قوشۇش نىسبىتىدىن قارىغاندا، 1 – كەسىپنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %12.1، 2 – كەسىپنىڭ %29.7، 3 – كەسىپنىڭ %58.2 بولغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى شۈ بىن مۇنداق دېدى: 3 – كەسىپنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن بولۇشى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم بولۇپ قالدى. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا 3 – كەسىپ %9.8 ئېشىپ، 2 – كەسىپنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 3.9 پىرسەنت پوئېنت، 1 – كەسىپنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 4.2 پىرسەنت پوئېنت تېز بولۇپ، تۆھپە قوشۇش نىسبىتى يېرىمىدىن ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز GDPسىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە سۈپىتىنى يەنىمۇ ياخشىلىدى.

  ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى CPI تۆت چوڭ ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ CPIسى %2.2 ئېشىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 0.8 پىرسەنت پوئېنت كېڭەيگەن.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باش ئەترەت باشلىقى ۋاڭ گۈيرۇڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ CPIسى 2015 – يىلى %0.6 ئاشقان؛ 2016 – يىلى ‹‹1.0 دەۋرى››گە قەدەم قويۇپ، %1.4 ئاشقان؛ 2017 – يىلى %2.2 ئېشىپ، ‹‹2.0 دەۋرى››گە قەدەم قويغان. گەرچە ئۈچ يىلدىن بۇيان CPI يىلدىن – يىلغا ئاشقان بولسىمۇ، مۇقىم بولۇش ئەندىزىسى ئۆزگەرمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىسادنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىدە، CPIنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۆتىدىل بولغان، باھا بەك تېز ئۆرلەپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

  شۈ بىن مۇنداق دېدى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 2017 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز خەلق ئىگىلىكىدە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش تەرەققىيات ۋەزىيىتى داۋاملىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ