تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىش، ھەرتەرەپلىمە راۋاجلاندۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  چېن چۈەنگو ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى باھالاش – تەكشۈرۈش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىش، ھەرتەرەپلىمە راۋاجلاندۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىندا ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى باھالاش – تەكشۈرۈش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئاچتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتكوملارنىڭ شۇجىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، گۈللەنمە تەشكىلاتلار پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى، تور ئۇچۇرى بىخەتەرلىكى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرى ئايرىم – ئايرىم خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. چېن چۈەنگو ئۇلارنى بىر – بىرلەپ باھالىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش – تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ساقلانغان ئاجىز ھالقىلار تېخىمۇ ئېنىق تېپىلىپ، تەرتىپكە سېلىش ۋە ئۆزگەرتىش يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، پارتىيەنى باشقۇرۇش – ئىدارە قىلىش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى تۇتۇشنىڭ ئېنىق يۆنىلىشىنى بېكىتىپ، خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش نەتىجىسىنى ھەقىقىي يوسۇندا ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىش، ھەرتەرەپلىمە راۋاجلاندۇرۇشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  بىرىنچى، سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باشتىن – ئاخىر ئىدىيەدە يادرونى يۈكسەك تونۇپ، سىياسىيدا يادرونى قەتئىي قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كۈچەش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، قايتا – قايتا ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، قەلبكە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، سەمىمىي – سادىق، تېخىمۇ ئىشەنچلىك بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىسى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىسى بولۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان جاسارەت بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش مەسئۇلىيەت، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتماسلىق مەسئۇلىيەتسىزلىك، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتالماسلىق خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىق، دەيدىغان قاراشنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي كەسىپ قىلىپ، مەركىزىي خىزمەت بىلەن تەڭ پىلانلاپ، تەڭ ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەڭ باھالاپ، شۇجى تۇتىدىغان، شۇجىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرىدىغان، دەرىجىمۇ دەرىجە تۇتىدىغان، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى باش نىشاننى چۆرىدەپ پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشاننى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان ھەقىقىي كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  بەشىنچى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››نى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى بايرىقىنى روشەن، مەيدانىنى مۇستەھكەم قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› قىلغانلار، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ئىنتىزام ۋە قانۇن بويىچە كەسىن بىرتەرەپ قىلىشى، قەتئىي زەربە بېرىشى كېرەك.

  ئالتىنچى، دۇرۇس ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دائىم ۋە ئۇزاق، قاتتىق ۋە ئەمەلىي، چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە بولۇشقا كۈچەپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››نى، بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي بوشاشماي تۈزەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇشنى مىخ قېقىش روھى بىلەن ياخشى قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى ۋە ھۆكۈمەت ئىستىلىنى سىجىل ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يەتتىنچى، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئالاھىدە ئىمتىياز يوق، دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، يەنە بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا، چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، ئومۇميۈزلۈك تولۇق قاپلاش، قەتئىي يول قويماسلىقتا، توسۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، يۇقىرى بېسىمنى كۈچەيتىش، ئۇزاققىچە چۆچۈتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي بوشاشماي چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

  سەككىزىنچى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى قاتتىق تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۇلنى پۇختىلايدىغان ياخشى يۆنىلىشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. باھالاش نەتىجىسىنى قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇش ئۈنۈمىنى پارتكوم رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك – ئاجىزلىقىنى، ئەمەلىي نەتىجىسىنىڭ ياخشى – يامانلىقىنى، ئىستىلىنىڭ دۇرۇس – ناچارلىقىنى، خىزمەتتە لاياقەتلىك – لاياقەتسىزلىكىنى باھالايدىغان مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش يۆنىلىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى بۆلۈم ئىشلىرى يىغىنىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى بىر قىسىم ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا خىزمەت دوكلاتى بەرگەن يولداشلارنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇش ئەھۋالى باھالاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ