شىنجاڭ تورى خەۋىرى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چوقۇم دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، خەلق ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە جۈرئەتلىك بولۇش، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا تولۇپ تاشقان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇش، دەپ كۆرسىتىلگەن.
بۇ يىل ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئىككى يىغىندا بېرىلگەن ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا بىز تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش دەۋر ئېقىمىغا ئاتلىنىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىمىز، دەپ كۆرسىتىلدى.
يېقىندا، مۇخبىر بىر قىسىم كارخانا ۋە سانائەت باغچىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۈرۈمچىنىڭ دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا چوڭقۇر چۆكۈش نەتىجىلىرىنى دەلىللەپ، ئىچكى ۋە تاشقى ئېچىۋېتىش، سۈپەت ۋە سەۋىيەنى قانداق ئۆستۈرگەنلىكى، قانداق قىلىپ «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋەزىيىتىگە ئاتلانغانلىقى ئۈستىدە ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.
ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىل ئاخىرىغا قەدەر، شىنجاڭدىكى چېگرا سىرتىغا مەبلەغ سالغان كارخانا 550كە يەتكەن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى كارخانىلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدىكەن. ئالاقىدار تۈرلەر 40 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا تارقالغان.