بەزى دورىلارنىڭ ئەمچەككە بولغان تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، مۇۋاپىق ئىشلىتىلمىسە سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھورمۇن تۈرىدىكى دورىلار. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ھورمۇن تۈرىدىكى دورىلار ئاساسلىقى ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىۋاتقان بىر قىسىم ھورمۇنلار ۋە تەركىبىدە ھورمۇن بولغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئانىلىق ھورمۇننى ئۇزاق مەزگىل، كۆپ مىقداردا ئىشلەتكەندە ئەمچەكتە ئوڭايلا راك پەيدا بولىدۇ. بازاردا سېتىلىۋاتقان بىر قىسىم گىرىم بۇيۇملىرى ياكى ساغلاملىق بۇيۇملىرىغا قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، ھۆسننى گۈزەللەشتۈرۈش مەقسىتىدە ئانىلىق ھورمۇن قوشۇلغان بولۇپ، بۇلارنى ئۇزاق مەزگىل ئىشلىتىش ئەمچەككە ئىنتايىن زىيانلىق. تېببىي تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى ئىچىشكە باشلىغان ۋاقىت قانچە بالدۇر بولسا، ئەمچەك راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن.
باشقا كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان دورىلار. مەسىلەن، قان بېسىم چۈشۈرۈش دورىلىرىمۇ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
تەركىبىدە ئانىلىق ھورمۇن بولغان بەدەن سىرتىغا ئىشلىتىلىدىغان دورىلار. مەسىلەن، ئەمچەكنى چوڭايتىدىغان مەھسۇلات قاتارلىقلار. بۇلار گەرچە تېرە ياكى چاچنىڭ سىرتىغا سۈركەلسىمۇ، ئۇزاق مەزگىل ئىشلىتىلسە ئەمچەككە يەنىلا زىيانلىق تەسىرى بولىدۇ. شۇڭا بۇلارنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش ياكى ئىمكان بار ئىشلەتمەسلىك لازىم.
«گۈزەل ئايال، بەختلىك ئائىلە» تېمىسىدىكى بىر يۈرۈش كىتابتىن ئېلىندى