تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى

     ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى 2 – ئاينىڭ 3 – كۈنى بىر كۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساسىي تېما قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ، بەنزە ۋە شەخسنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ، پارتىيەۋىلىكىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قەتئىي ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى قەتئىي چىڭىتتى.
     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.
     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يىغىندىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىدىكى ئۆگىنىش – مۇزاكىرىنى كۆپ قېتىم تەشكىللىدى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى كوللېكتىپ ئۆگىنىش بىلەن ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، دىققەتنى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ باش تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ ۋە ئانالىز قىلىپ، كەڭ دائىرىدە تەكلىپ – پىكىر ئېلىپ، سەمىمىي سىردىشىش – سۆھبەتلىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سۆز تېزىسىنى ئۆز قولى بىلەن يېزىپ چىقىپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلدى.
      يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ 2016 – يىللىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ۋە بۇ قېتىملىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا پىكىر ئېلىش ئەھۋالى ئۇقتۇرۇلدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، دائىمىي كومىتېت بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرىنى بىر – بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك ئۆزىگە، مەسئۇلىيىتىگە، خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆلچەمنى چىڭىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى كەسكىن ۋە ئەستايىدىل ئېلىپ بېرىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملىدى.
     دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاخىرلاشقاندا چېن چۈەنگو خۇلاسە سۆزى قىلدى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىگە باشلامچىلىق بىلەن ئەمەل قىلىپ، ياخشى ئىستىل، قاتتىق تەلەپلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ماھارەت بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەستايىدىل، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
     بىرىنچى، ئېتىقاد جەھەتتە قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ سادىق ئېتىقادچىلىرى ۋە قەتئىي ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاڭلىق ئۆگىنىپ، تەكرار ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، بىر ئۆمۈر ئۆگىنىپ، ئېتىقادنى چىڭىتىش، مۇتلەق سادىق بولۇش، بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىشنى ئۆگىنىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى باشتىن – ئاخىر كۈچەيتىش كېرەك.
     ئىككىنچى، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولۇش كېرەك. ئىدىيەدە يادرونى تونۇپ، سىياسىي جەھەتتە يادرونى قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇپ، ھەرىكەتتە يادروغا ئەگىشىپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شىنجاڭ گەرچە پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر مەھكەم ۋە چەمبەرچاس باغلىنىشى كېرەك.
     ئۈچىنچى، مەسئۇلىيەت جەھەتتە قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە ۋە ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى ۋە ھاياتىنى ئايىماسلىق كېرەك. باش شۇجىنىڭ سەمىمىي نەسىھەتى، ئىشەنچى ۋە تاپشۇرۇقىنى باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇل بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، دادىللىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، پۈتۈن كۈچى ۋە ھاياتىنى بېغىشلاپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، ‹‹ئالتىنى ياخشى تۇتۇش››تا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بەشنى باشقۇرۇش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك قاپلاش››نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئۈچ مەيدان كەسكىن جەڭ››نى قەتئىي باش تارتماي ياخشى قىلىپ، ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››نىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ ھەمتۈرتكىلىك››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
     تۆتىنچى، ئىقتىدار جەھەتتە قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ئۆگىنىپ، ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىش كېرەك. باش شۇجىنىڭ نەسىھەتى ۋە تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىلىم، ماھارەت ۋە ئىقتىدار كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، قايتىدىن ئۆگىنىپ، ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، ئىلمىي تەرەققىيات ئىقتىدارى، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش ئىقتىدارى، خەۋپ – خەتەرنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرى، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇرى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، خىزمەتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك.
     بەشىنچى، ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي ۋە ئەمەلىي تۇتۇپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، تىرىشچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن خەلقنى كۆزلەپ، جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، پاك – پاكىز ئادەم بولۇش كېرەك. باش شۇجى بىلەن بىردەك بولۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى چوڭقۇر سۆيۈپ، خەلققە پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، خەلقنى كۆزلەش مەسئۇلىيىتىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەك. ئەمەلىي ئىشلەشنى قەدىرلەپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ياخشى ئادەم بولۇش، ياخشى سۆزلەرنى سۆزلەش، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، تىرىشچانلىق بىلەن ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مىخ قېقىش روھى بىلەن چىڭ تۇتۇش كېرەك. دۇرۇس بولۇپ، پاكلىقنى مەڭگۈ ساقلاپ، پاك، تەلەپچان بولۇش مىزانىغا ئاڭلىق ئەمەل قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىگە ئاڭلىق ئەمەل قىلىپ، دۇرۇس، پاك، سادىق، پاكىز، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىياسىي خىسلىتى ۋە سىياسىي پەزىلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ