تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قولغا كەلتۈرەيلى

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  ‹‹پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋېلىشقا بولمايدۇ، دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەي، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىش، چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك››. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قايتا تەرتىپكە سېلىش، قايتا ئاتلىنىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، رەزىللىكنى جازالاشتەك كۈچلۈك چۆچۈتۈش ھالىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاش،چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قولغا كەلتۈرۈش كۈچلۈك سىگنالى تارقىتىلدى.

  ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق كېرەك. بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹يولۋاس››قىمۇ، ‹‹چىۋىن››گىمۇ تەڭ زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى ساپلاشتۇرۇپ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا كەڭ، بوش، يۇمشاق بولۇشتىن كەسكىن، چىڭ، قاتتىق بولۇشقا ئۆتۈشتەك تۈپ ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەككى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، ۋەزىپە يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر. تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا نەزەر سالساق، بەزىلىرى پىرىنسىپ ۋە ئىنتىزامنى ئېغىزدىلا تەكىتلەپ قويۇپ، ئاستىرتىن ھوقۇق – پۇل سودىسى قىلىپ، سودىگەرلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، نەپ يەتكۈزۈشكەن، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ئۆزىنى تارتمىغان، قول ئۈزمىگەن؛ بەزىلىرى ئالدىدا ئادەم، كەينىدە ئالۋاستى بولۇۋېلىپ، ئىدىيەسى ئەسەبىي، دىلى ئەكسىيەتچى بولۇپ، ماركسىزم – لېنىنىزمغا ئىشەنمەي، جىن – ئالۋاستى ۋە ئىلاھلارغا ئىشەنگەن، رەزىل نىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، بۆلگۈنچىلىك قىلىش غەرىزىدە بولغان، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە يول قويغان ۋە ئۇنى قوللىغان؛ بەزىلىرى كۆرۈنۈشتە چوڭ گەپ قىلىپ، قەتئىي ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئاستىرتىن پەرۋايىغا ئالمىغان، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلغان. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ئىستىل ئىسكەنجىسى، ئىللەتلىرىنىڭ تېخى تۈپتىن تىزگىنلەنمىگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىشى كېرەك، بەزى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەر تېخى ئەمدىلا ھەل قىلىندى، بەزى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇۋاتىدۇ، ‹‹يېتەرلىك بولدى، ئارام ئېلىۋالاي، پۇت – قولۇمنى بوشىتىۋالاي›› دەيدىغان ئويدا بولۇشقا بولمايدۇ، بىر قېتىملىق جەڭنى ياخشى قىلىپلا، بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەن جاپادىن مەڭگۈ خالاس بولۇش ئويىدا بولۇشقىمۇ بولمايدۇ، دەسلەپكى ئۈنۈمنى كۆرۈپلا بولدى قىلىش ئويىدا بولۇشقا بولمايدۇ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان جاسارەت، ‹‹قانچە جاپالىق بولغانسېرى شۇنچە ئىلگىرىلەيدىغان›› قەھرىمانلارچە شىجائەت، ‹‹تار يولدا ئۇچراشقاندا ئەزىمەتلەر غەلىبە قىلىدۇ›› دەيدىغان كۈرەش روھى بىلەن، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قەتئىي بولدى قىلماسلىق كېرەك.

  بوشاشماي، توختاپ قالماي، قايتا تەرتىپكە سېلىپ، قايتا سەپەرگە ئاتلىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتە قاتتىق، كەسكىن، چىڭ بولۇشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ۋە سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، قەتئىي يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق توسۇش، يۇقىرى بېسىمنى كۈچەيتىش، ئۇزاققىچە چۆچۈتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارا ئالغانلار بىلەن پارا بەرگەنلەرنى تەڭ تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قالدۇقىنى قەتئىي ئازايتىپ، كۆپىيىشىنى نۇقتىلىق توسۇپ، سىياسىي مەسىلە بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزئارا گىرەلىشىپ كېتىشىدەك چىرىكلىك دېلولىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، رەزىللىكنى جازالاشتەك كۈچلۈك چۆچۈتۈش ھالىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئومۇمەن ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرگە جىددىي مۇئامىلە قىلىپ، ئومۇمەن ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزىتىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى نازارەت قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىشنى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بىلەن، ئاساسىي قاتلامدىكى ‹‹چىۋىن يوقىتىش›› بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تۈپ يىلتىزىدىن تۈزىتىپ، ياماننى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىققا ئىگە قىلىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش شەرت. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي كۈچەيتىشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىرادىسىنى بوشاشتۇرماي، ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەي، سالماقنى ئاجىزلاشتۇرماي، ھەقىقىي باشقۇرۇش، ھەقىقىي قاتتىق بولۇش، باشقۇرۇشقا، قاتتىق بولۇشقا جۈرئەت قىلىش، ئۇزاققىچە باشقۇرۇش، ئۇزاققىچە قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقى، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى توختىتىپ قويماي، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، رەزىللىكنى جازالاشتا يۇمشاق قوللۇق قىلماي، تەستە قولغا كەلگەن يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلققە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ