جاۋ جىيۈن، ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتى 1 – ئاينىڭ 23 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 1 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى.
يىغىندا ئالاقىدار دوكلات ۋە ئىزاھاتلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2018 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2018 – يىللىق خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ماقۇللاندى. بۇ ئىككى دوكلاتنى ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 3 – قېتىملىق يىغىنىدا تەكشۈرۈپ ماقۇللاشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى مۇتەللىپ قاسىم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.