تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىدا ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپلەر تولۇق بېجىرىلىپ بولدى

  جاۋ جىيۈن، ياۋ تۇڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بەرگەن ھەم يىغىندا بېكىتىلگەن سەككىز تەكلىپ، 635 تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىرنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ بولغان ياكى ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرۇلغان. بۇ تەكلىپ، تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىرلەر ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، ئىجتىمائىي ئىشلارنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، نىزام چىقىرىش قاتارلىق جەھەتتىكى مەزمۇنلارغا چېتىلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى تەكلىپلەرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قېلىپلاشقان تەرتىپ بويىچە ۋەزىپە تەقسىملىگەن ھەم بىر تەرەپ قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى بېجىرگۈچى ئورۇنلار كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، بېجىرىش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زىچ ھەمكارلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جاۋابقا ئېرىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلغان. سەككىز تەكلىپ ئىچىدە پېڭ گوچۈن قاتارلىق 20 ۋەكىل بەرگەن ‹‹ئۈرۈمچى – سانجى شەھەر يېنىك رېلىسلىق تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدا تەكلىپ›› توغرىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، بۇ تۈرنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە تۈر قۇرۇلۇشى لايىھەسىنى تۈزگەن. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 2017 – يىلى 10 – ئايدا يەنە بىر قېتىم يىغىن ئېچىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى ئىگىلىنىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قۇرۇلۇشنى بۇرۇنراق باشلاشقا پۇختا ئاساس سېلىنغان. يىن يۈلىن قاتارلىق 11 ۋەكىل بەرگەن ‹‹شەھەر – يېزىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ››كە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، تەكلىپ، تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىرلەرنى بېجىرىش داۋامىدا، بېجىرگۈچى ئورۇنلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بېجىرىش خىزمىتىنى باشتىن – ئاخىر ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خىزمەتنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ رەتلەپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر مەقسەتتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەكىللەرنى تىرىشىپ رازى قىلىپ، تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ