تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەش، كىشىنى شادلاندۇرۇش، كۈچ مۇجەسسەملەش

  خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى داۋاملىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقتى، پىلان ۋە خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈردى

  جاۋ جىيۈن، دۇڭ شاۋخۇا، جاۋ شىيا، چېن چياڭۋېي، شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر 1 – ئاينىڭ 23 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا داۋاملىق قاراپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايوننىڭ 2018 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ 2018 – يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈردى. قاراپ چىقىش، تەكشۈرۈش داۋامىدا ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: ئۈچ دوكلاتتا ئەمەلىيەتچىل بولۇش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىسلاھاتقا كۈچەش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ماس ئىلگىرى سۈرۈلگەن، بۇلار شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەلىپى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن.

  ۋەكىل ۋاڭ جىخۇا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ ‹‹ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى›› دېگەن قىسمىدا ئاقسۇ كۆكيارنىڭ چۆللىشىشنى تىزگىنلەشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئۈلگىگە ئايلانغانلىقى مەخسۇس تىلغا ئېلىندى، بۇ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان چوڭ ئىلھام ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈش. ئاقسۇ يېزا ئىگىلىك چوڭ رايونى، ئاقسۇ ئالمىسى ۋەكىللىكىدىكى ئالاھىدە باغۋەنچىلىكنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، بۇ بىزنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىمىزگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. بىز ‹‹سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار – مۇزلارمۇ بايلىق›› دەيدىغان ئىدىيەنى داۋاملىق مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىمىز.

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە باش شىركىتىدىن كەلگەن ۋەكىل باھارگۈل مەمەت ناھايىتى روھلاندى، چوڭقۇر ئىلھاملاندى. ئۇ: ئۆتكەن بىر يىلدا مەن ئەتراپىمدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، ھاۋا سۈپىتى ياخشىلاندى، داۋالىنىش تېخىمۇ قولايلاشتى، شەھەر تېخىمۇ پاكىزلاشتى، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار قۇرۇلۇشلار پۇقرالارغا ھەقىقىي ئەمەلىي نەپ ۋە پايدا ئېلىپ كەلدى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى تەلەپكە ئاساسەن، تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىسىنى چوقۇم ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ ئۆيىنى، قەلبىنى ئىللىتىپلا قالماي، تىرىشىپ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قىش پەسلىدە ئاسمىنىنىڭ كۈندە كۆك بولۇشى، قارلىرىنىڭ تېخىمۇ ئاق بولۇشىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز، دېدى.

  ۋەكىل پاڭ زىجيەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ كۆپ يېرىگە بەلگە قويدى، ئۇ: دوكلات ناھايىتى ياخشى تەييارلىنىپتۇ، دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپتۇ، دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى ئىلھاملاندىم، قالتىس روھلاندىم. مېنىڭ ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم ‹‹ئەلراينى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، بۇلتۇر يېزىمىزنىڭ ھەرقايسى كەنتلىرىدە كەنتتە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلراينى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، كەنت يوللىرى كېڭەيدى، يول چىراغلىرى ئورنىتىلدى، كەنت ئاھالىلىرى ھويلا – ئاران ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى، سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار كۆپەيدى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر پۇقرالارنىڭ ئىشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، مەن بۇ يىلقى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، دېدى.

  ‹‹بۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان، كىشىنى شادلاندۇرىدىغان، كۈچ مۇجەسسەملەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. بىز جەزمەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى تەلەپكە ئاساسەن، تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، بولۇپمۇ نامراتلارنى دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئالاقىدار تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى، تۈرىنى كەنت، ئاھالە، ئادەمگىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرىمىز››،- دېدى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىن كەلگەن ۋەكىل گۈلزار ئابدۇراخمان.

  ۋەكىل قۇربان نىياز مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى ‹‹مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش›› ئىدىيەسى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى، بۇنىڭدىن كېيىنكى مائارىپ خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسىمۇ ناھايىتى كونكرېت، قاراتمىلىققا ئىگە بوپتۇ، مەن ئاساسىي قاتلامدىكى قوش تىل مائارىپى خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنىڭدىن چەكسىز ئىلھاملاندىم، ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسى خىزمىتىم توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرۇم تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى. قوش تىل مائارىپى سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتۇش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى جەنۇبىي شىنجاڭدا قوش تىل ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەربىيەنى كۈچەيتىپ، بالىلارنىڭ قەلبىدە كىچىكىدىن باشلاپ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تۇرغۇزۇپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئەقىل – پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ