تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق 13–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنى 2–قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

  چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئەسقەت كەرىمباي، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى

  ياۋ تۇڭ، جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى 1 – ئاينىڭ 23 – كۈنى چۈشتىن كېيىن 2 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە قاراپ چىقتى.

  چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئەسقەت كەرىمباي، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  نەيىم ياسىن ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن قۇرۇلتايغا خىزمەت دوكلاتى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار يۈكلىگەن خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، يەرلىك نىزام چىقىرىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىدە يېڭى ئۈنۈم يارىتىپ، ۋەكىللەر خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىدا يېڭى يۈكسىلىشنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. بەش يىل مابەينىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يەرلىك نىزامدىن 39نى تۈزۈپ چىقتى، تۈزەتتى، نىزام خاراكتېرلىك قارار، بېكىتمىدىن 14نى چىقاردى، تۈزۈپ چىقىلغان ۋە تۈزىتىلگەن يەرلىك نىزام، يەككە نىزامدىن 55نى تەستىقلىدى؛ 52 تۈرلۈك خىزمەتتىن دوكلات ئالدى ۋە ئۇنى قاراپ چىقتى، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ۋە كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى 67 قېتىم قانات يايدۇردى؛ يەرلىك دۆلەت ئورگىنى خىزمەتچىسىدىن 2077نى تەيىنلىدى ۋە قالدۇردى. شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش شەرت؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش شەرت؛ خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق خوجايىن بولۇشتا چىڭ تۇرۇش شەرت؛ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىتىشكە تۈرتكە بولۇش شەرت. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى جەزمەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار يۈكلىگەن خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى باھارگۈل سەمەت خىزمەت دوكلاتى بېرىپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كۈچلۈك يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىشى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، قوللىشى ئارقىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ‹‹تىرىشىپ ئاممىغا ھەر بىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش›› نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار يۈكلىگەن خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، سوت قىلىش ۋە ئىجرا قىلىشنى مەركەز قىلغان تۈرلۈك خىزمەتنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرى تۈرلۈك دېلولاردىن جەمئىي 2 مىليون 3000نى قوبۇل قىلىپ، 1 مىليون 932 مىڭ دېلونى سوت قىلدى، ئىجرا قىلدى ۋە ئاخىرلاشتۇردى، بۇ، ئۆتكەن بەش يىلدىكىدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا %47.9 ۋە %44.4 ئاشتى. باھارگۈل سەمەت بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ۋە 2018 – يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئالتە جەھەتتىن دوكلات قىلدى. بىرىنچى، بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ سوت مەھكىمىسى خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىمىز؛ ئىككىنچى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى بوشاشتۇرماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، باش نىشانغا يېتىشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز؛ ئۈچىنچى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلقنى كۆزلەش ئەسلىي مەقسىتىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، دېلو بېجىرىشنى چىڭ تۇتۇشنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلىمىز؛ تۆتىنچى، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى قەتئىي بوشاشماي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر دېلودىن ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرىمىز؛ بەشىنچى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ماھارىتى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى قوشۇنى قۇرۇپ چىقىمىز؛ ئالتىنچى، نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇۋەققەت باش تەپتىشى لى يۇڭجۈن خىزمەت دوكلاتى بېرىپ مۇنداق دېدى: 2013 – يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك نازارىتىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار يۈكلىگەن قانۇن نازارەتچىلىكى مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تۈرلۈك تەپتىش خىزمىتىدە يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى تۈرلۈك جىنايى ئىشلار جىنايەت گۇماندارىدىن جەمئىي 330 مىڭ 918 كىشىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى، 362 مىڭ 872 كىشىنى ئەيىبلىدى؛ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت دېلولىرىدىن 4055 نى، 4503 كىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى؛ جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ، مەمۇرىي ئېتىراز دېلوسىدىن 75 نى بېجىردى؛ دەۋا پائالىيىتىدىكى قانۇنغا خىلاپ ئەھۋالدىن 1957 نى نازارەت قىلىپ تۈزەتتى؛ جازانى ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيىتىدىكى قانۇنغا خىلاپ ئەھۋالدىن 1237 نى نازارەت قىلىپ تۈزەتتى؛ ئەرزىيەت دېلوسىدىن 13 مىڭ 982 نى قوبۇل قىلىپ بېجىردى. لى يۇڭجۈن 2018 – يىللىق خىزمەت تەسەۋۋۇرىنى بەش جەھەتتىن دوكلات قىلدى. بىرىنچى، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتا تەپتىشلىك رولۇمىزنى نامايان قىلىمىز؛ ئىككىنچى، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلاندۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشتە تەپتىشلىك رولۇمىزنى نامايان قىلىمىز؛ ئۈچىنچى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىدە تەپتىشلىك رولۇمىزنى نامايان قىلىمىز؛ تۆتىنچى، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشتە تەپتىشلىك رولۇمىزنى نامايان قىلىمىز؛ بەشىنچى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى تەلىپىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرىمىز، تەپتىشلىك رولۇمىزنى نامايان قىلىمىز.

  قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى ۋاڭ يۇڭمىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. قۇرۇلتاي ئىجرائىيە رەئىسلىرى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ