تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە چوقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشىلىك پىرىنسىپنى توغرا ئىگىلەش كېرەك

  ___ ج ك پ 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا(3)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش، ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك زور قانۇن چىقىرىش پائالىيىتى.

  پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا تەرتىپ بويىچە ئىش كۆرۈپ، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملەپ، ئاساسىي قانۇنغا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈش، چوڭ ئۆزگەرتىش قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 – ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى توغرا ئىگىلەش ئاساسىدا، بۇ قېتىم ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە بولغان ئومۇمىي تەلەپ ۋە چوقۇم ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېگىشلىك ‹‹تۆت پىرىنسىپ›› ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇ قېتىم ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە توغرا يۆنىلىش، تۈپ مىزان كۆرسىتىپ بېرىلدى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردە ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، ئاساسىي قانۇن بويىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، قانۇن چىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلىشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىياسىي ئەقىل – پاراسىتى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 – ئومۇمىي يىغىنىدا بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت ـــ تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا خەلقنىڭ ئىرادىسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىش.

  ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە چوقۇم پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنىڭ ئەڭ تۈپ كاپالىتى، شۇڭا پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چوقۇم چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىدۇ، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ئىجرا قىلىدۇ، پارتىيە قانۇن چىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، قانۇنغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش ‹‹سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقتا چوقۇم پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چوقۇم سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىققا تايىنىش››نىڭ ئىچكى بىردەكلىكىنى گەۋدىلەندۈردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى مۇستەھكەملەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا مېڭىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرگەندىلا، ئاندىن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  ئاساسىي قانۇنغا ھەر قېتىملىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەمەلىيىتى شۇنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، قانۇنغا قاتتىق رىئايە قىلىپ تەرتىپ بويىچە ئىش كۆرگەندىلا، ئاندىن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئاساسىي قانۇن روھىغا، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملەپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، دېموكراتىك چىقىرىش، قانۇن بويىچە چىقىرىش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى سىياسىي جەھەتتىن، ئومۇمىيەت جەھەتتىن، ئىستراتېگىيە جەھەتتىن تەھلىل قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەندە، مەسىلىلەرنى ئاساسىي قانۇن تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتى ۋە ئىچكى تەلىپى جەھەتتىن ئويلاشقا ئەھمىيەت بەرگەندە، ئاندىن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە، خەلقنىڭ ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئاساسىي قانۇنغا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈش، چوڭ ئۆزگەرتىش قىلماسلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك تەلەپ قىلغان، ئەمەلىيەت پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان، كەڭ ئورتاق تونۇشقا ئىگە بولغان، ئاساسىي قانۇندا گەۋدىلەندۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، چوقۇم تۈزىتىش كىرگۈزۈش زۆرۈر بولغانلىرىنى زۆرۈر، مۇۋاپىق تۈزەتكەندە؛ پىشىپ يېتىلمىگەن، تالاش – تارتىش بولۇۋاتقان، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇھاكىمە قىلىشقا توغرا كەلگەنلىرىنى تۈزەتمەي تۇرغاندا؛ تۈزىتىش كىرگۈزسىمۇ، تۈزىتىش كىرگۈزمىسىمۇ بولىدىغان، ئالاقىدار قانۇنلار ياكى ئاساسىي قانۇندا ئىزاھات بېرىش ئارقىلىق ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىرىنى پىرىنسىپ جەھەتتىن تۈزەتمىگەندە، ئاندىن ئاساسىي قانۇننىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقى ۋە نوپۇزلۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى باشلاشنى قارار قىلغاندىن تارتىپ يىغىن ئېچىپ ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ قىسمەن مەزمۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى›› كوپىيەسى ھەققىدە پارتىيە ئىچى – سىرتىدا مۇئەييەن دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ئاندىن بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ قىسمەن مەزمۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى››نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغىچە بولغان جەرياندا، بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى ئومۇمىي تەلەپ ۋە پىرىنسىپ ناھايىتى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇلدى. ھەم پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ھەم ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە چوقۇم ئەمەل قىلىدىغان پىرىنسىپنى توغرا ئىگىلىگەندە، بۇ قېتىم ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە چوقۇم پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى تولۇق گەۋدىلەندۈرگىلى، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى تولۇق گەۋدىلەندۈرگىلى، دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى زور رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 22 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ