تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭ كۈچىنى ئۇرغۇتايلى

  شى شىن

  بۇ ئالاھىدە تارىخىي مۇساپە بولۇپ، پۇرسەتمۇ مىسلىسىز، خىرىسمۇ مىسلىسىز.

  بۇ، كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان سەپەر بولۇپ، ئالدىمىزدىكى يول ئېنىق، قەدىمىمىز مۇستەھكەم.

  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2017 – يىلىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىش تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تىرىشىپ ‹‹ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش›› جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ۋەزىيەتكە قاراپ پىلانلاپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش قىلغاندىلا، دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭالايمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئارقىدا قېلىشتەك شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىككە ئاساسەن، 2017 – يىلى ۋەزىيەتنى ئېنىق كۆزىتىپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. ئالتۇن تاغ، كۈمۈش سۇلاردىن ئېگىزلىكتىكى مەرۋايىتلارغىچە، تۇرپان – قومۇل ئويمانلىقىدىن ئىلى ۋادىسىغىچە، بىر تۈركۈم قاتناش، سۇچىلىق، ئېلېكتىر، ئېنېرگىيە قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەر تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان، ھەممەيلەن باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جۇشقۇن ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

  تەرەققىياتنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ‹‹سۈپەت››، ‹‹ئۈنۈم›› تىپنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق سۆزگە ئايلاندى.

  سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇشتا ‹‹ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش››نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ 2017 – يىلى 5 مىليون توننا تاياقسىمان پولات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇردى ياكى ئازايتتى، كارخانىلارنى 950 مىڭ توننا پولات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېكىندۈرۈشكە يېتەكلىدى، 114 كۆمۈر كاننى شاللاش، تاقىۋېتىش، چېكىنىشكە يېتەكلەپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى 11 مىليون 630 مىڭ توننا ئازايتتى؛ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، كارخانىلارنىڭ بېجى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئادەم كۈچى، ئېنېرگىيە ۋە يەر ئىشلىتىش، شۇنىڭدەك ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخ يۈكى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، 2017 – يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ تەننەرخى 77 مىليارد 860 مىليون يۈەن تۆۋەنلىدى.

  تىپ ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

  2017 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇلغان توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كارخانىسى ئۈچ يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا 1965ى كۆپەيدى، خۇافۇ، رۇيى، ياگېر قاتارلىق داڭلىق كارخانىلار ئارقا – ئارقىدىن شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇردى، شىنجاڭ جۇڭگودىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسىپلىرىگە مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان، تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان رايونغا ئايلاندى.گۈللەنمە كەسىپلەر يېتىلىش جەريانىدا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈردى

  ئۈرۈمچى يۇقىرى – يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) دۆلەت ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى قوش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇشى باشلاندى؛ سۈنئىي ھەمراھدىن پايدىلىنىش، ئەقلىي يېزا ئىگىلىكى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بىيو كەسىپلىرى... ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 15 قۇرۇلۇش تەتقىقات مەركىزى(تەجرىبىخانىسى)گە نام بېرىلدى؛ ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىتنى ئاسراش، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق ياساش قاتارلىق يەتتە چوڭ ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى.

  تەرەققىيات جەريانىدا ئەۋزەل خاس كەسىپلەرنىڭ ياشلىقى ئۇرغۇتۇلدى

  1 – كەسىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشى يەنىمۇ ئەۋزەل رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈلدى، شىنجاڭ پاختا ھوسۇلىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %70تىن ئارتۇق ئاشۇرۇلدى؛ 2 – كەسىپنىڭ مۇھىم ھالقىسىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش پەيدىنپەي ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئىلگىرىلىتىلدى؛ 3 – كەسىپنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلىك، ئېلېكتىرونلۇق سودا، سودا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە، ئۇچۇر ۋاسىتىچىلىكى قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى گەۋدىلىك راۋاجلاندۇرۇلدى.

  2017 – يىلى شىنجاڭدا ياسالغان تۇنجى مېترو پويىزى پۈتتى، ‹‹دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا›› قاتارىغا تۇنجى قېتىم شىنجاڭدىكى كارخانىنىڭ ئىسمى كىرگۈزۈلدى، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ‹‹مەغرۇر›› دەۋرىنى كۈتۈۋالدى...تەرەققىياتتا يېڭى تۈرلەر بارلىققا كەلتۈرۈلدى، ئىسلاھاتتا يېڭى سەھىپە ئېچىلدى

  2017 – يىلى شىنجاڭ ‹‹تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىي 127 تەستىقلاش تۈرىنى تۆۋەنگە چۈشۈردى، بىكار قىلدى ۋە ھاۋالە قىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان مەبلەغ سېلىش تۈرى مۇندەرىجىسىدىكى 26 تۈرنىڭ مەزمۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىجازەت ئۆلچىمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كەڭ قويۇۋەتتى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە ھۆكۈمەت باھا بېكىتىش ياكى يېتەكچى باھا بويىچە كارخانىلارغا چېتىلىدىغان تىجارەت مۇلازىمەت ھەققى يىغىش تۈرىنىڭ ئازىيىش نىسبىتى %47.7كە يەتتى.

  ئىجتىمائىي ئىشلار ئىسلاھاتى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى، باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى راسچوت قىلىشتا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، قاتلام بويىچە داۋالاش، يېزا ‹‹قوش تىل›› بالىلار يەسلىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  شىنجاڭ جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە ئومۇميۈزلۈك قاتناشتى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قاتارلىق چوڭ – چوڭ قۇرۇلۇشلار تېزلىتىلدى، شىنجاڭدىن غەربكە قاتنايدىغان خەلقئارا يۈك تىرانسپورت پويىزىدىن 806 سى قاتنىدى، شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇلدى... يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، 2017 – يىلىدىكى شىنجاڭ تەدرىجىي ھالدا دۆلەت قاتناش تورىنىڭ ‹‹ئاخىرقى ئۇچى››دىن ‹‹ئاسىيا – ياۋروپا قاتناش تۈگۈنى››گە ئايلىنىپ، ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى شەكىللەنمەكتە.

  ئېچىۋېتىش ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەسىرى دۇنيا سەھنىسىدە بارغانسېرى كېڭەيدى.

  قاينام – تاشقىنلىققا تولغان 2017 – يىل پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭدا تارىخىي نەتىجىلەرنىڭ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.كەلگۈسىگە قەدەم تاشلاشنىڭ يېڭى كوردىناتى كۆز ئالدىمىزدا تۇرماقتا 2018 – يىلى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلى، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلايدىغان ھالقىلىق بىر يىل. يېڭى بىر يىلنى قانداق ھالەتتە كۈتۈۋالىمىز؟ ئىسلاھات، تەرەققىيات يەنىلا شىنجاڭنىڭ دەۋر سوئالىغا بېرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك جاۋابىدۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ