تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1–يىغىنى ئېچىلدى

  چېن چۈەنگو، ئىسمائىل تىلىۋالدى، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى

  نۇرلان ئەبىلمەجىن سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى

  چېڭ جېنشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۈرئەت ئىمىن تەكلىپ خىزمىتى توغرىسىدا دوكلات بەردى

  لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنى 1 – ئاينىڭ 21 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

  زال ئىچى تەنتەنىلىك، قىزغىن كەيپىياتقا تولغانىدى، سىياسىي كېڭەش گېربى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرىپىگە قاتار قويۇلغانىدى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن نۇرلان ئەبىلمەجىن، چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيتقامزا، جاڭ بو، مۇتەللىپ ئوبۇل، كۇڭ شىڭلۇڭ، دۇ ۋەنگۈي، چيۇ شۇخۇا، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

  چېن چۈەنگو، ئىسمائىل تىلىۋالدى، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 530، ئەمەلىي قاتناشقان ئەزا 489 بولۇپ، بەلگىلىمىدىكى ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، چېڭ جېنشەن يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. نۇرلان ئەبىلمەجىن سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنى ئالتە جەھەتتىن خۇلاسىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە قارىتا بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا قەتئىي مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكار، مەسئۇلىيەتچان، ياراملىق بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش ۋە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى، مۇھىم تۆھپە قوشتى. بەش يىلدىن بۇيان، بىز شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىش شەرت؛ سىياسىي كېڭەشنىڭ خاراكتېرى ۋە ئورنىنى باشتىن – ئاخىر ئىگىلەپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش شەرت؛ باشتىن – ئاخىر باش نىشاننى چۆرىدەپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردە سىياسىي كېڭەشكە يۈكلەنگەن بۇرچنى ئۈستىگە ئېلىش شەرت؛ باشتىن – ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ۋەزىپىنى ئادا قىلىشنىڭ نىشانى قىلىش شەرت؛ باشتىن – ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەيدىغان ئاكتىپ كۈچنى كەڭ كۆلەمدە مۇجەسسەملەش شەرت.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: بىز چوقۇم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ۋەزىپىنى ئادا قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى ئورتاق ئىدىيەۋى – سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسىي ئوقى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چارە – تەدبىر كۆرسىتىش، كۈچ چىقىرىشنى خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاچقان بىر قاتار مۇھىم يىغىنلارنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاساسىي تېمىنى چۆرىدەپ، كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنى سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ مەزمۇنى، شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى ئاشۇرۇش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز، ئىتتىپاق – ئىناق،باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك!

  جۈرئەت ئىمىن سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، يىغىنغا سىياسىي كېڭەش 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. بەش يىلدىن بۇيان، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقۇچى ئورۇنلار ۋە مەخسۇس كومىتېتلار جەمئىي 4921 پارچە تەكلىپ بەرگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق 4295 تەكلىپ تۇرغۇزۇلغان، تەكلىپلەرنى بېجىرىش، جاۋاب قايتۇرۇش نىسبىتى %100كە يەتكەن.

  ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلكە باشلىقى، جۈن دەرىجىلىك رەھبەرلىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ