تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاساسىي قانۇن جەزمەن ئەمەلىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى كېرەك

  ـــ ج ك پ 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا(2)

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  ئاساسىي قانۇن يېڭى ۋەزىيەتكە ئۈزلۈكسىز ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن ئۇزاققىچە ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ.دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇن تەرەققىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي يىغىنىدا ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ قىسمەن مەزمۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى›› قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  بۇنىڭدا دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىرادىسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىش مەقسەت قىلىنغان. ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ دەۋر مۇقەررەرلىكى، ئەمەلىيەت زۆرۈرىيىتى، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېھتىياجىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك.

  ئاساسىي قانۇن جەزمەن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى كېرەك، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇن تەرەققىياتىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا تۈپ قانۇنىيىتى. 1954 – يىلى ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئاساسىي قانۇنى ۋۇجۇدقا كەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنى ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىزچىل ئىزدىنىش ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىش جەريانىدا تۇرۇپ كەلدى. 1982 – يىلى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە تەرەققىياتىغا ئاساسەن، ئۇنىڭغا ئايرىم – ئايرىم تۆت قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. بۇ تۆت قېتىملىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى گەۋدىلەندۈردى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى گەۋدىلەندۈردى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، كاپالەتلىك قىلدى، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى ۋە كۈچەيتتى. ئەمەلىيەت شۇنى كۆرسەتتىكى، دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنى دەۋرنىڭ ئىلگىرىلىشىگە، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان.

  ئاساسىي قانۇن ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلق ياراتقان مۇۋەپپەقىيەتلەر، تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ قېلىپلاشتۇرۇش، يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. 2004 – يىلى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئون نەچچە يىل ئۆتتى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يەنە كۆپلىگەن مۇھىم تەرەققىياتلار بولدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قىلچە تەۋرەنمەي داۋاملاشتۇرۇپ، راۋاجلاندۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بارلىققا كەلتۈردى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا قارىتا زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنىپ، بىر قاتار زور سىياسىي ھۆكۈملەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يېڭى كۈرەش نىشانى بېكىتىلدى، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم يېتەكلەش، باشلامچىلىق قىلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسىگە ئاساسەن، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى زور يېڭى نەتىجىلىرىنى ئاساسىي قانۇن بەلگىلىمىسىگە كۆتۈرۈشتە، ئاساسىي قانۇننىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

  ئاساسىي قانۇنغا مۇۋاپىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش ـــ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىيىتى، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان مۇھىم تەدبىر، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئېچىش ئارقىلىق ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا بۇ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن زور نەزەرىيەۋى قاراش، زور فاڭجېن، سىياسەتلەرنىڭ دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىغا كىرگۈزۈلۈشى دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئىزچىللىقى، تۇراقلىقلىقى، نوپۇزلۇقلۇقىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ساقلاش ئاساسىدا، ئاساسىي قانۇننىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، مۇكەممەللىشىشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

    ‹‹قانۇن ـــ دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى، جەمئىيەتنىڭ مىزانى››. دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى مۇۋەپپەقىيەت، يېڭى تەجرىبە، يېڭى تەلەپلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئەمەل قىلىدىغان پىرىنسىپقا، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىنىڭ ھەرىكەت مىزانىغا ئايلىنىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ