تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1–يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى تەكشۈرۈپ بېكىتىلدى

  لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتى 1 – ئاينىڭ 21 – كۈنى چۈشتىن كېيىن 1 – قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ‹‹سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى››گە قاراپ چىقتى ۋە ئۇنى پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللىدى. يىغىندا بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەكلىپ تاپشۇرۇش ئىستاتىستىكىسىنى 2018 – يىلى 1 – ئاينىڭ 23 – كۈنى سائەت 16(بېيجىڭ ۋاقتى)دە ئاخىرلاشتۇرۇش قارار قىلىندى.

  ‹‹لايىھە››دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەكلىپلەردە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش چۆرىدەلگەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنغان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش چۆرىدەلگەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلغان، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بىر تۇتاش پىلانلىنىپ ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ماس ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتىكى بىر قاتار قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان رېئال مەسىلىلەر زىچ چۆرىدەلگەن، تېمىلار كۆڭۈل قويۇپ تاللانغان، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنغان بولۇشى كېرەك. تەكلىپتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيەلەر كەسكىن، ئىلمىي ۋە قوللىنىشچان ئىگە بولۇشى، بىر ئىش بىر تەكلىپ بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئىخچام ۋە مېغىزلىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  ‹‹لايىھە››دە تەكلىپ بېرىش شەكلى، ئاساسىي تەلەپ، تاپشۇرۇش شەكلى، تەكشۈرۈش، بېجىرىش ۋە رويخەتكە ئېلىش شەرتى ئېنىق بېكىتىلدى. تەكلىپ خىزمىتى سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىملىق خىزمىتى، بۇ قېتىمقى يىغىندا تەكلىپلەرنى ئىستاتىستىكا قىلىش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ھەر قايسى پارتىيە – گۇرۇھ، تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى داۋاملىق تەكلىپ تاپشۇرسا بولىدۇ، تەكلىپ كومىتېتى تەكشۈرۈپ رويخەتكە ئېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈش ئىشخانىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئالاقىدار بېجىرگۈچى ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە سۇنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ