تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى بەش يىلدا 4295 پارچە تەكلىپ بېجىردى ۋە جاۋاب قايتۇردى

  لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى ۋۇجۇدقا كەلگەندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما – تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، تەكلىپ بېرىش ئارقىلىق پائال چارە – تەدبىر كۆرسەتتى. بەش يىلدىن بۇيان، 4921 پارچە تەكلىپ بەردى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 4295 پارچىسى تەكلىپ قىلىپ تۇرغۇزۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالار بەرگەن تەكلىپ 3678پارچە، پارتىيە – گۇرۇھ، تەشكىلاتلار بەرگەن تەكلىپ 596 پارچە، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى بەرگەن تەكلىپ 21 پارچە بولۇپ، تەكلىپ بېجىرىش ۋە جاۋاب قايتۇرۇش نىسبىتى %100كە يەتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى تەكلىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى. پارتكوم، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىرىنىڭ نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشنى بىرلىشىپ نازارەت قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە بۇ تۈزۈمنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكلىپ بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلارنىڭ تەكلىپ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنى كۈچلۈك ئاشۇردى، تەكلىپ بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، تەكلىپ نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداش جەھەتتە، تەكلىپ بەرگۈچىلەر ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى، شەھەر مەھەللە قۇرۇلۇشى، ئەرزىيەت ئىشلىرىغا ئائىت نىزام چىقىرىش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەت، جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا 671 پارچە تەكلىپ بەردى. سىياسىي – قانۇن قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسى ئەمەلىيىتى، ئېسىل مەدەنىيەتنى قېزىش سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەكلىپلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قوبۇل قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈردى.

  ئىسلاھات، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە، تەكلىپ بەرگۈچىلەر 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈپ يولغا قويۇش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، ئەمەلىي ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدا 1791 پارچە تەكلىپ بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، ئىقتىساد – ئۇچۇرلاشتۇرۇش، قاتناش – تىرانسپورت قاتارلىق تارماقلار 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان ۋە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تۈزۈشتە رايون ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئورنىغا يېڭىسىنى دەسسىتىشنى تېزلىتىش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەكلىپلەردىن پايدىلاندى.

  خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش جەھەتتە، تەكلىپ بەرگۈچىلەر ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹توققۇز تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى›› نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا 1382 پارچە تەكلىپ بەردى. نامراتلارنى دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، چېگرا قوغدىغۇچىلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، چېگرا ئاھالىسىگە ياردەم بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ماھارەت يېتىلدۈرۈش بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەكلىپلەر ئاپتونوم رايوننىڭ 13 – بەش يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى يىرىك پىلانى، چېگرادىكى نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس ھەرىكەت لايىھەسى، قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىدىن ئۈچ يىلدا 100مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى قاتارلىقلارنى تۈزۈشتە قىممەتلىك پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولدى.

  گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش جەھەتتە، تەكلىپ بەرگۈچىلەر ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش قاتارلىقلار توغرىسىدا 451 پارچە تەكلىپ بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ نۇقتىلىق تەكلىپ قاتارىغا ۋە يىللىق كېڭىشىش پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئارقىلىق كېڭىشىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەدبىر بەلگىلەشتە پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ