تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردە قول تۇتۇشۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى سەھىپە يارىتايلى

  ــــ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

  گېزىتىمىز باش ماقالىسى

  يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، كاتتا يىغىنلار باشلىنىپ كەتتى. جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەنىڭ ئۈمىدى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى يۈكلەنگەن سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنى بۈگۈن داغدۇغىلىق ئېچىلدى. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەر مىللەتتىن تەشكىل تاپقان يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى توغرىسىدىكى زور پىلانلارنى ئورتاق كېڭىشىدۇ. بۇ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى زور ئىش، بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

  ئۆتكەن ئىشلارغا نەزەر سالساق، قەلبىمىز لەرزىگە كېلىدۇ. ئۆتكەن بەش يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا پۇختا قەدەم تاشلىدى. بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى، «بىر باش نىشان»نى پۇختا تۇرغۇزۇش، «ئىككى مۇھىم ھالقا»نى تۇتۇش، «بىر ياخشى مېخانىزم»نى مۇكەممەللەشتۈرۈش، «بىر يۈرۈش بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام چۈشۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بويىچە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنىڭ، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خالىس ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  دېموكراتىيە ئاۋامنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى مۇجەسسەملەيدۇ، ئىتتىپاقلىق شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ. ئۆتكەن بەش يىلدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ غەمخورلۇقى، يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تەكلىپ بېرىپ، ياخشى چارە، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىپ، تەسىرى بار، قىممەتلىك پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن قەلىب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى، مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2017- يىلى پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. بۇ يىل، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان تۇنجى يىل، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، 13- بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلاشتۇرىدىغان ھالقىلىق بىر يىل. كەلگۈسى بەش يىل شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلايدىغان ھالقىلىق مەزگىل. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت شۇنچە مۈشكۈل، شۇنچە زور بولغانسېرى، ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىقنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشكە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەلەپلىرىنى ھەقىقىي، تولۇق ئىنكاس قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى قاتلاملارنى بىر مەقسەتتە، بىر يۆنىلىشتە بىللە ھەرىكەت قىلىشقا پائال يېتەكلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى ۋە تىرىشىش يۆنىلىشى، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان كەڭ سەھنە. خەلق سىياسىي كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا داۋاملىشىپ، مەڭگۈلۈك تەرەققىي قىلىشىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش چوقۇم يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى ئارقىلىق پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىغا ئاساسەن، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى كۆرسەتمە قىلىپ، دىققەتنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشالايدۇ.

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، كۈچنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، بىر مەقسەتتە، بىر يۆنىلىشتە داۋاملىق شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى بىزگە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇلۇغ پىلانىنى تۈزۈپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، سىياسىي كېڭەشنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ قېتىمقى يىغىن ئىتتىپاق، دېموكراتىك، ئەمەلىيەتچىل، ئىلھام بېرىدىغان، تەرەققىياتنى ئورتاق پىلانلايدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان يىغىن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملىگۈسى!

  يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ