تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى ئاخىرغىچە قەتئىي داۋاملاشتۇرايلى

  شىنجاڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزى

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئىش، بۇ ئۇلۇغ ئىش جاپا- مۇشەققەت ۋە خەۋپ- خەتەرگە تولغان بولۇپ، مىسلىسىز مۇشەققەتلىك كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش شەرت. جەمئىيەت زىددىيەتلەر ھەرىكىتى داۋامىدا ئىلگىرىلەيدۇ، زىددىيەت بار يەردە كۈرەشمۇ بولىدۇ. پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۈنۈملۈك ھالدا زور خىرىسقا ۋە خەۋپ- خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، زور توسالغۇلارنى تۈگىتىش، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىشى شەرت. شىنجاڭ ئالاھىدە رايون ئەھۋالى، جەمئىيەت ئەھۋالىغا ئىگە چېگرا رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، تېخىمۇ مۇرەككەپ، مۈشكۈل كۈرەش ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى ۋە ئاساسىي جەۋھىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەل قىلغۇچ جەڭدە غەلىبە قىلىش جاسارىتى ۋە مەسئۇلىيىتى بىلەن، ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ شىنجاڭدىكى غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  بىرىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ــــ ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ شىنجاڭدىكى كونكرېت، جانلىق ئەمەلىيىتى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جەمئىيەت زىددىيەتلەر ھەرىكىتى داۋامىدا ئىلگىرىلەيدۇ، زىددىيەت بار يەردە كۈرەشمۇ بولىدۇ. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ـــ  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنىڭ ئورنى توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەمەلىيەت باش تېمىسى.

  (1) پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە زور يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇلۇغ كۈرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ كەلدى

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق- مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش»نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم بۇرچى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تۈپتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك تايانچقا ئىگە قىلدى. قەدىمدىن تارتىپ چېگرا رايون مۇقىم بولسا، دۆلەت ئەمىن تاپقان؛ چېگرا رايون مالىمان بولسا، دۆلەت ئەمىن تاپالمىغان. مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۇ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشنىڭ ۋەزىيىتى، تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى تولۇق نامايان قىلدى، شۇنداقلا شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش يۆنىلىشى ۋە باش نىشانىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كەسكىن ۋەزىيىتىدە، ئىتتىپاق- ئىناق،باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشتا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىدىن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش ئۇلۇغ كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

  (2) «ئىككىگە مۇناسىۋەتلىك» ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ بېكىتىلىشى شىنجاڭدىكى ئۇلۇغ كۈرەشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ

  شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىستراتېگىيەلىك توسۇق، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى نۇقتىلىق رايون، دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىدىكى مۇھىم دەرۋازا، شۇنداقلا ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى ۋە تىرانسپورت يولى. 21- ئەسىردىكى شىنجاڭ يەنە «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نىڭ يادرولۇق رايونىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان چېگرا رايون. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئالاھىدە، دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى ئالاھىدە، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور»، «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك». «ئىككىگە مۇناسىۋەتلىك» ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ بېكىتىلىشى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ كۈرىشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىدىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ چوقۇم ھەر خىل مۇرەككەپ خىرىسلارغا ۋە خەۋپ- خەتەرلەرگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ ۋە قارشى تۇرۇپ، ھەرخىل زور قىيىنچىلىق، زىددىيەتلەرنى قەتئىي يېڭىپ ۋە ھەل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك بۇرچنى قەتئىي ئادا قىلىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  (3) «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» مۇقىملىق ۋەزىيىتى شىنجاڭدا ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىشقا تۈرتكە بولماقتا

  ھازىر شىنجاڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق قۇترىغان مەزگىل، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش كەسكىنلەشكەن مەزگىل، قول سېلىپ تۈزەش تەخىرسىز بولغان مەزگىلدىن ئىبارەت «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ئالاھىدە مەزگىلدە تۇرماقتا. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەرمىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ تارنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئېتىپ، جەڭنى ياخشى قىلىپ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى كۈچەيتتى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىدى. لېكىن، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇقىملىق ئاساسى يەنىلا ناھايىتى ئاجىز. «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» مۇقىملىق ۋەزىيىتىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكى ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ھەر خىل خەتەر ۋە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن.

  ئىككىنچى، ئۇلۇغ كۈرەش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىكلەرنى نامايان قىلدى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيە بۇ ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، قىيىنلىقىنى تولۇق تونۇپ يېتىشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئۇلۇغ كۈرىشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسى روشەن تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە.

  (1) كۈرەش ۋەزىپىسىنىڭ مۈشكۈللۈكى

  يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان شىنجاڭ ھەم مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتىگە، ھەم كەسكىن، مۇرەككەپ دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى، جاپالىق نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسىگە دۇچ كەلمەكتە. بۇ بىزدىن ھەم كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ھەم كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىنى ھەقىقىي ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى كونا، يېڭى قىيىن مەسىلىلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ۋەزىپە ناھايىتى مۈشكۈل بولغان ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ يېڭى جەڭگاھىدا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

  (2) كۈرەش ئوبيېكتىنىڭ مۇرەككەپلىكى

  بىز شىنجاڭدا نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ باردۇق، بۇ كۈرەشلەرنىڭ ئوبيېكتى كۆپ خىل ھەم مۇرەككەپ بولۇپ، ئىقتىساد، سىياسەت، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە قاتارلىق كۆپ ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. ئوبيېكتىپ شەكىل جەھەتتىن، ئۇ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، نامراتلىق، قالاقلىق، نادانلىققا قارشى ماددىي، مەنىۋى تۇرمۇش كۈرىشى، ھەر خىل چىرىكلىك ھادىسىلىرىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ سۇبيېكتىپ شەكىل جەھەتتىن، ئۇ ئاساسلىقى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەشنى كۆرسىتىدۇ، كۈرەش شەكلى كۆپ خىل بولۇپ، سىياسىي قاراشنى بىۋاسىتە ئىپادىلەشمۇ، ئىلىم ئالماشتۇرۇش شەكلىدىكى يوشۇرۇن ئىپادىلەشمۇ بار؛ توردا ئاكتىپ كۈچ تارقىتىش بىلەن كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان خاتا ئىدىيەۋى ئېقىم ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىشىشمۇ، تور سىرتىدىكى ھەققانىيەت بىلەن سەپسەتىنىڭ كۈچ سىنىشىشى ۋە بازا تالىشىشىمۇ بار. سۇبيېكتىپ دۇنيادىكى كۈرەشتە، بىز بولۇپمۇ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنىدىكى «كاززاپلىق» كەيپىياتى، «قىلىدىغاننى قىلماسلىق» كەيپىياتى، «لەيلىمىچىلىك» كەيپىياتى، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» كەيپىياتىغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، پارتىيە قوشۇنىنى ساپلاشتۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى قەتئىي مۇستەھكەم قۇرۇشىمىز كېرەك.

  (3) كۈرەش جەريانىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى:« شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، كەسكىنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بىر مىنۇتمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ». ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، چېگرا سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ «نىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ»، ئۇلار بىز بىلەن ئۇزاققىچە سىياسىي جەھەتتە كۈچ سىنىشىش ۋە قارشىلىشىشقا تەييارلاندى. مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى، تەسىرى شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسى دۇچ كېلىۋاتقان ئۇزاق مۇددەتلىك زور خىرىس. چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» چېگرا سىرتىدا ئۇزاق ۋاقىت تەييارلىق كۆرۈپ، چېگرا ئىچىدە ئۇزاق مۇددەت يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، پۇرسەت كۈتۈپ ھەر خىل بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قىلدى. تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، ھەر قانداق ئەكسىيەتچىل، قالاق ئىجتىمائىي كۈچلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىدىيەسى ئىلغار، توغرا ئىجتىمائىي كۈچلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىدىيەسى بىلەن قايتا- قايتا ئۇزاققىچە كۈچ سىنىشىپ، ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلغاندىن كېيىن ئاندىن تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىدۇ. شۇڭا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىز جەزمەن ياخشى مېڭىشقا تېگىشلىك يېڭى ئۇزۇن سەپەر، شۇنداقلا جەزمەن ياخشى جاۋاب بېرىشىمىز زۆرۈر بولغان يېڭى دەۋر سوئالى بولۇپ، ئۇزاققىچە جاپا- مۇشەققەتكە چىداشقا، ئۇزاققىچە كۈرەش قىلىشقا تەييارلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

  ئۈچىنچى، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرەيلى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تىنچ شارائىتتا خەۋپ- خەتەرنى ئويلاپ، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇپ، خەتەرنى ھېس قىلىپ، خاتىرجەملىكنى كۆزلەپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەر خىل خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك». شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ھەر ۋاقىت سىياسىي- ئىدىيەۋى جەھەتتىكى ھوشيارلىق، سەگەكلىك ۋە ئاڭلىقلىقنى ساقلاپ، «ئۇلۇغ كۈرەش» ئۈچۈن ھەر خىل تەييارلىقنى پۇختا قىلىشى كېرەك.

  (1) «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرەش ئىرادىسىنى كۈچەيتەيلى

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ــــ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ «ئاساسى» ۋە «جېنى». يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. بىز جەزمەن سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر بىردەك بولۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن- ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ مۈجمەل بولماسلىقىمىز، تەپەككۇرنى ئېنىق قىلىپ ئېغىپ كەتمەسلىكىمىز، جاسارەتلىك- ياراملىق بولۇپ بىپەرۋالىق قىلماسلىقىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سىياسىي ئىرادىنى پۇختا تىكلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئېتىپ، تەۋرەنمەي، بىپەرۋالىق قىلماي، ئىككىلەنمەي، ساختىپەزلىك قىلماي، ئاجىز ھالقىلارنى تەكشۈرۈپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ زور پىرىنسىپال مەسىلىدە، كاللىنى باشتىن- ئاخىر سەگەك تۇتۇپ، باشتىن- ئاخىر بايرىقى روشەن بولۇش، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇش، تونۇشى بىرلىككە كەلگەن بولۇش، تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولۇش، پوزىتسىيەسى قەتئىي بولۇش، قەدىمى بىردەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر خىل خېيىم- خەتەر، سىناقلار ئالدىدا ئۇيۇل تاشتەك مەزمۇت بولۇشى كېرەك.

  (2) ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرەش جاسارىتىنى ئۇرغۇتايلى

  جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى ــــ جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ــــ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ پۈتۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىش، خەلقنىڭ ھاياتى، مال- مۈلكى ۋە باشقا ھوقۇق- مەنپەئىتىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ دەخلى- تەرۇزىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار چاكارلىق ئېڭى ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھىنى ئۆستۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىش ئاڭلىقلىقى ۋە سەگەك تونۇشىنى كۈچەيتىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئېنىق پوزىتسىيەسى بىلەن «پولاتتەك ئېتىقاد، پولاتتەك ئىشەنچ، پولاتتەك ئىنتىزامغا ئىگە، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان» بولۇپ تاۋلىنىپ چىقىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ كۈچلۈك مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

  (3) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرىدىغان كۈرەش قىلىش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرەيلى

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلدى. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ــــ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، شىنجاڭنى ئىتتىپاق- مۇقىم قىلىش ــــ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش ــــ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى. بۇ يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ئىستراتېگىيەلەر شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشىنىڭ تۈپ يېتەكچىسى ۋە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، شۇنداقلا شىنجاڭدا نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ياخشى قانات يايدۇرۇشىنىڭ ئىلمىي قوللانمىسى. ھازىر، شىنجاڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىسلاھات- تەرەققىيات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، نامراتلارنى يۆلەش، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ كۈرەش يېڭى ئەمەلىيىتىدە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش ئەۋزەللىكىنى ئاشۇرۇپ، كۈرەش قىلىش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈشىمىز كېرەك.

(قەلەم تەۋرەتكۈچى: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ لېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ