تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بۇلتۇر دۇنيا بويىچە ساياھەت قىلغانلار 11 مىليارد 880 مىليون ئادەم (قېتىم) غا يەتتى، ئېلىمىز بۇ جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى

  خەلق تورى خەۋىرى: 17-يانۋار جۇڭگو ساياھەت شەھەرلىرى بىرلەشمە يىغىنى (WTCF) بېيجىڭدا  «دۇنيانىڭ ساياھەت ئىقتىسادى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى دوكلات (2018)»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا دۇنيانىڭ ساياھەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە مۆلچەرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، 2017-يىلى پۈتكۈل دۇنيا بويىچە ساياھەت قىلغانلار (مەملىكەت ئىچى ساياھىتى ۋە خەلقئارالىق ساياھەت قىلغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 11 مىليارد 880 مىليون ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، دۇنيا نوپۇسنىڭ 1.6 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ بولۇپ، 4 مىليارد 530 مىليون ئادەم (قېتىم) گە يەتكەن.

 ئىگىلىنىشىچە، «دۇنيا ساياھەت ئىقتىسادىي ۋەزىيتى توغرىسىدىكى دوكلات (2018)» دا پۈتۈن دۇنيانىڭ ساياھەت ئىقتىسادى، ساياھەت پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر، پەن-تېخنىكا ئۆزگەرتگەن ساياھەت، ساياھەت ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت تۆت تارماق تەھلىل قىلىنغان. دۇنيا ساياھىتىدە ئۈچ پۇتلۇق داڭقان ۋەزىيىتى ناھايىتى روشەن بولغان، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان بۆلىكىدىكى ساياھەتچىلەر نىڭ ئومۇمىي سانى ۋە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان، ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەسىدە چۈشۈش كۆرۈلگەن؛ ۋاھالەنكى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ساياھەتچىلىك نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئۆسكەن، ساياھەتچىلىك ئومۇمىي كىرىمى پۈتكۈل دۇنيا ساياھەتچىلىك كىرىمىنىڭ %38.9 ىنى ئىگىلەپ، 13.7 پىرسەنت پوئېنتى ئۆسكەن؛ ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ ساياھەت تەرەققىيات ۋەزىيتى ئالاھىدە بولغان، بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، جۇڭگو، جەنۇبىي ئافرىقىدىن ئىبارەت كېسەك ئالتۇن بەش دۆلىتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 6 مىليارد 360 مىليون ئادەم (قېتىم) گە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ساياھەت خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسىدىكى ئەڭ چوڭ تەشكىلىي قىسىم بولۇپ قالغان؛ پۈتكۈل دۇنيانىڭ سېلىنمىسىمۇ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، ئاسىيا، تىنچ ئوكيان رايونى پۈتكۈل دۇنيا ساياھەت ئىسخېمىسىدىكى ساياھەت كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئېشىش نىسبىتى ئەڭ تېز رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

 دوكلات تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، 2018-يىلى پۈتكۈل دۇنيا ساياھىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق پۈتكۈل دۇنيا ئىقتىسادىي سۈرئىتىدىن ئېشىپ، پۈتكۈل دۇنيا ساياھەت ئومۇمىي كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ %6.7 كە يېتىشىدە ئۈمىد بار ئىكەن. بۇ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن دۇنيا بانكىسىنىڭ پۈتكۈل دۇنيا GDP سىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %3.6 ۋە %2.9 بولۇشى مۆلچەرلەنگەن. ساياھەت ئىستېمالى پۈتكۈل دۇنيا ئاممىسىنىڭ مۇھىم تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئايلانغان. بۇلتۇر ساياھەتچىلىك ئومۇمىي كىرىمى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت ئامېرىكا بولۇپ، 1 تىرىليون 30 مىليارد دوللارغا يەتكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 2018-يىلى پۈتكۈل دۇنيادىكى ساياھەتچى 12 مىليارد 670 مىليون ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، پۈتكۈل دۇنيا نوپۇسىنىڭ 1.7 ھەسسىگە يېتىدىكەن، ئاسىيا، تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ساياھەتچى ئومۇمىي سانى ۋە ساياھەتچىلىك ئومۇمىي كىرىمى داۋاملىق ئاشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ