تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى قەيسەر جەڭچى بولىمەن

   ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرباشلىقى غولامجان رېھىم

  پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پولاتتەك ئېتىقاد، پولاتتەك ئىشەنچ، پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تۆھپە قوشىمەن.

  بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئىپادە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ لاياقەتلىك بولغان – بولمىغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان سىنتاش. ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي، تىغمۇتىغ كۈرەش قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى قەيسەر جەڭچى بولىمەن، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىمۇ ئۆزۈمنى نامايان قىلىپ، ھالقىلىق پەيتتە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ھايات – ماماتلىق پەيتتە جان – پىدالىق كۆرسىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتا نەمۇنىچى، ئۈلگە بولىمەن؛ ئۆزۈم باشلامچى بولۇپ، جان دىلىم بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، باشتىن – ئاخىر ئامما بىلەن بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىمەن، ئاممىغا ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاممىنى ياخشى سەپەرۋەر قىلىپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلىمەن، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەيمەن.

  مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاۋانگارتى بولىمەن. مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى يۈرۈشلۈك ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق خىزمىتىنى مىخ قېقىش روھى بىلەن چىڭ تۇتىمەن. قەتئىي ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەككە چېقىلىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى خاتا پىكىر ئېقىمىنىڭ ماھىيىتى ۋە زىيىنىنى ئېنىق تونۇشقا پائال يېتەكلەپ، ئەڭ زور دەرىجىدە ئەلنى مايىل قىلىپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەيمەن. ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، تەشۋىق – تەربىيەنى يۈزتۇرا، چىن ھېسسىيات بىلەن قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ئاممىنى ‹‹ئىككى ھېساباتنى ئېنىق قىلىش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش››كە يېتەكلەيمەن.

  بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا ماڭىمەن. ھازىرقى كەسكىن ۋەزىيەتتە، كاللامنى باشتىن – ئاخىر سەگەك تۇتۇپ، سىياسىي ئىرادەمنى ساقلايمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ ››نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكۈم ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ھەقىقىي كۈچەيتىمەن، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەقنى ئېنىق ئايرىشتا مەيدانى ئالاھىدە مۇستەھكەم بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ھەرىكىتى ئالاھىدە قەتئىي بولۇش، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈشتە ھېسسىياتى ئالاھىدە سەمىمىي بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن – ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، تونۇشۇمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تىلىم بىلەن دىلىمنى بىردەك قىلىپ، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇپ، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قىلچە بىخۇدلۇق قىلمايمەن، يول قويمايمەن.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ئۈلگە بولىمەن. مەن دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹تەشۋىقاتچى››لىق رولىنى ئوينايمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ دىندىن پايدىلىنىپ ئاممىنى مەجبۇرلاش، ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش رەزىل نىيىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىمەن، تەنقىد قىلىمەن؛ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشقا يېتەكلەيمەن. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆگىنىشتە، تۇرمۇشتا، خىزمەتتە بىللە بولۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىتتىپاق، ئىناق ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىمەن.

  ئىستىلنى ياخشىلاش ئۈلگىسى بولىمەن. شەھەر باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ‹‹ئىش ئورنىنى بازا بىلىپ قوغداش، خىزمەتنى كەسىپ بىلىپ ئىشلەش، تۆھپە قوشۇشنى بۇرچ دەپ بىلىش›› تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، تىرىشچان – ئەمەلىيەتچىل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، پاك – دىيانەتلىك بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىمەن؛ سىياسىيدا سەگەك، ئېتىقادتا سادىق، ھەرىكەتتە سەمىمىي، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان، ئىستىلدا ئەمەلىيەتچىل ئادەم، ئاممىنىڭ سىردىشى، ئىتتىپاقلىقنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، ئىنتىزامدا تەلەپچان، تۇرمۇشتا پاك ئادەم بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، باشلامچىلىق بىلەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پۈتۈن شەھەردىكى كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ