ئۆز خەۋىرىمىز: ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2017-يىلىدا شىنجاڭنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃9.1 بولۇپ، نىسبەتەن يۇقىرى بولۇش نىسبىتى 56 يىلدىن بۇيانقى تېمىراتۇرا رەت تەرتىپىدە 3-ئورۇنغا تىزىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە تۇرپاندا ℃ 50.5 لۇق يۇقىرى تېمىراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا رېكورتى يېڭىلاندى.
شىنجاڭ كىلىمات مەركىزى 18-يانۋار 2017-يىللىق شىنجاڭ كىلىماتى ھەققىدىكى ئاخباراتنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئاخباراتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا نىسبەتەن يۇقىرى بولغان، ھۆل-يېغىنمۇ نىسبەتەن كۆپ بولغان. چوڭ دائىرىدىكى ئوت ئاپىتى خاراكتېرلىك كىلىمات ھادىسىسى ئاز يۈز بەرگەن.
شىنجاڭ كىلىمات مەركىزىدىكى ئالىي ئىنژېنېر فەن جىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، رايون بويىچە قارىغاندا، شىمالىي شىنجاڭدا يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا نىسبەتەن يۇقىرى بولغان، ئۇنىڭدىن قالسىلا تىيانشان تېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا نىسبەتەن يۇقىرى بولغان. دۆربىلىجىن ناھىيەسى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلاردا تېمپېراتۇرا ئەڭ ئىللىق بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە تۇرپان شەھىرىنىڭ پىچان ناھىيەسىدىكى تۇيۇق يېزىسىدا 2017-يىلى 10-ئىيۇل تېمپېراتۇرا ℃50.0 قا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە تېمپېراتۇرا ئەڭ يۇقىرى بولۇش رېكورتى ( ئەسلىدىكى رېكورت تۇرپان شەھىرىدە كۆرۈلگەن℃49.6) يېڭىلانغان.
پەسىل بويىچە قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى تېمپېراتۇرىسىنىڭ نىسبەتەن يۇقىرى بولۇش نىسبىتى بۇلتۇر يۇقىرى بولغان بولۇپ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃1.9 قا يەتكەن، يۇقىرى بولۇش نىسبىتى جەھەتتە تارىختىن بۇيانقى رەت تەرتىپتە 2-ئورۇنغا تىزىلغان..
فەن جىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سېلىشتۇرما كىلىمات جەھەتتە 2017-يىلى شىنجاڭدا ياغقان ھۆل-يېغىن مىقدارى نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە كۆپ بولغان، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى ھۆل-يىغىن مىقدارىمۇ ئالاھىدە كۆپ بولغان. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن توققۇز ھەسسە كۆپ بولۇپ، نىسبەتەن كۆپ بولۇش جەھەتتە تارىختىن بۇيانقى رەت تەرتىپتە 2-ئورۇنغا تىزىلغان، ئاقچى ناھىيەسىدىكى ھۆل-يېغىن مىقدارى 443.9 مىللىمېتىرغا يېتىپ، يىللاردىكىدىن توققۇز ھەسسە كۆپ بولغان، كۆپ بولۇش نىسبىتى جەھەتتە تارىختىن بۇيانقى رەت تەرتىپتە 1-ئورۇنغا تىزىلغان.