يولۇچىلار 18-يانۋار تاڭشەن شەھىرى گۇجى بېكىتى بىلەن تاڭشەن جەنۇبىي ۋوگزالى ئارىلىقىدا قاتنايدىغان پويىزدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 18-يانۋار،خېبېي ئۆلكىسى تاڭشەن شەھىرىدىكى توختاپ قالغىنىغا كۆپ يىل بولغان يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە تۆمۈريول لىنىيەسى بولغان لاۋجىڭ(بېيجىڭ فېڭتەي)-شەنخەيگۇەن لىنىيەسىنىڭ تاڭشەن جەنۇبىي ۋوگزالى بىلەن گۇجى بۆلىكى ئارىلىقىدا يولۇچىلار پويىزى قايتا قاتنىدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ بۆلەكتىكى تۆمۈريولدا ھەر كۈنى 10 نۆۋەتچى پويىز قاتنايدىغان بولۇپ، يولۇچىلار پويىزغا ئولتۇرسا گۇجى بېكىتىدىن تاڭشەن جەنۇبىي ۋوگزالىغا 21 مىنۇتتتىلا يېتىپ بارالايدىكەن، بۇنىڭدا ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغانغا قارىغاندا بىرەر سائەتتەك ۋاقىت تېجىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ سەپىرىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىلغان.