ئۆز خەۋىرىمىز: «قار ــ مۇز شەھىرى ئالتاي» باش تېما قىلىنغان 12-نۆۋەتلىك ئىنسانلار قار تېيىلىشىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى 16-يانۋار كەچتە ئالتاي شەھەرلىك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتتە سەھنە ئويۇنلىرى ئارقىلىق ئالتاينىڭ تۆت پەسىللىك ئۆزگىرىشلىرى نامايان بولۇپ، ئالتايدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. پائالىيەتتە يەنە خور، يالغۇز كىشىلىك ناخشا، كوللېكتىپ ئۇسسۇللار ئورۇندىلىپ ساياھەتچىلەرگە ئالتاينىڭ يەرلىك خاسلىقى نامايان قىلىندى.
2018-يىللىق ياۋروپا قار تېيىلىش، تاغقا يامىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئالتاي بېكىتىدىكى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان چەت ئەللىك ماھىرلارمۇ پائالىيەتكە قاتناشتى. نورۋېگىيەلىك ماھىر تايدىيا مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئالتايغا كېلىشىم، بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى بەك ياخشىكەن. مەن بۇ يەرنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، بۇ پائالىيەتمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى.