تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى» چوڭ تىپتىكى تور مەدەنىيەت پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر (1)

  بىرىنچى دەرىجە: قەلبداش بىر ئائىلە كىشىلىرى

    2017-يىلى 11-ئاپرېل، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 56 مىللەتنىڭ ۋەكىللىرى ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا كېلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىدىن بەھرىلەندى.  روھلۇق، خۇشال-خۇرام، رەڭدار مىللىيچە كىيىم-كېچەكلەرنى كىيگەن ۋەكىللەر ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا ئۆزگىچە رەڭ قوشتى.  ھەممەيلەن بىرلىكتە شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت قېرىنداشلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، تېخىمۇ گۈزەل، روناق تاپقان ماكان قۇرۇپ چىقىشتەك تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

( جاڭ جىڭچېڭ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈر يول ئىدارىسى پارتكومى تەشۋىقات ئىشخانىسى)

بىرىنچى دەرىجە : ئاپىرىپ قويۇش

     2010-يىل يانۋاردا ئالتاي ۋىلايىتىدە 60 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان قار يېغىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى. قوراللىق قىسىم ئالتاي چېگرا تارماق ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر قېلىن قاردا ئىككى بالىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇش يولىدا .

(پەن شىنچياڭ، ئالتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتى)

بىرىنچى دەرىجە: سانىخان ۋە ئۇنىڭ «ياشانغانلار كۇلۇبى»

     فۇكاڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت يولى ئاھالىلەر رايونىدىكىلەرنىڭ نەزەرىدە، سانىخان ھېيتەم ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى كېلىن. ئۇ پالەچ ھالەتتە ياتقان قېيىنئانىسىنى تاكى قازا قىلغۇچە ئالتە يىل باقتى. بۇنى بۇ مەھەللىدىكى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن 2010-يىلى نويابىردا مەدەنىيەت يولى ئاھالىلەر رايونىدىكى ئائىلە ياشانغانلارنى كۈنلۈك كۈتۈش پونكىتىنىڭ ۋېۋىسكىسى سانىخاننىڭ ئۆيىگە ئېسىلدى. سانىخان مۇنداق دېدى: مەن بىر ياشانغان ئادەمنى كۈتسەممۇ كۈتىمەن، ئوننى كۈتسەممۇ كۈتىمەن. ئوخشىمىغان مىللەتتىكى ياشانغانلار بىر يەرگە جەم بولسا ئۇلارمۇ خۇشال بولىدۇ، مەنمۇ خۇشال بولىمەن.» 2015-يىلى سانىخاننىڭ كونا ئۆيى چېقىلدى. فۇكاڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت يولى ئاھالىلەر رايونىدىكى مەدەنىيەت يولى ئاھالىلەر رايونى يېڭىدىن ئائىلە ياشانغانلارنى كۈتۈش نۇقتىسىنى قۇرۇپ، رايون تەۋەسىدىكى قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. سانىخانمۇ ھەر كۈنى بۇ يەردە ياشانغانلارنى كۈتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: ياشانغانلار ماڭا مۇھتاج بولسىلا، مەن ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن.

( جارقىن ھىمامېت ، شىنجاڭ سەرخىل يىپەك يولى كىنو مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى)

بىرىنچى دەرىجە : «ئىتتىپاقلىق»

     2013-يىل 1-ئىيۇن، قابا ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپتە «1-ئىيۇن» بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. 1-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىدىن ئالماسجان، ئەزمەت قاتارلىق ھەر مىللەت بالىلىرى خۇشال-خۇرام ھالدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

(لى جياخې، ئالتاي ۋىلايىتى قابا ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ