تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

ئالتايدا مەززىلىك تائاملار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

  مەززىلىك تائاملار مۇسابىقىسى باشلىنىش نەق مەيدانى

 ئۆز خەۋىرىمىز: ئالتاي شەھىرىنىڭ 11-نۆۋەتلىك مەززىلىك تائاملار مۇسابىقىسى  17-يانۋار گېنېرال تېغى قار تېيىلىش مەيدانىدىكى مەززىلىك تائاملار سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە قاتناشقان 90دىن ئارتۇق ماھىر نەق مەيداندىكى ساياھەتچىلەرنى ھەر خىل ئېسىل تائاملارغا ئېغىز تەككۈزدى. 

   بۇ مۇسابىقە ئالاھىدە قورۇما گۇرۇپپىسى ۋە ئالاھىدە ئۇششاق يېمەكلىك گۇرۇپپىسى دەپ ئىككى چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، ماھىرلار ساياھەتچىلەرگە پۇرىقى دىماقنى يارغۇدەك، تەمى ئېغىزدا قالغۇدەك مەززىلىك تائاملارنى سۇندى.  ئالتاي شەھىرى ۋېنجۇ مېھمانسارىيىدىن كەلگەن ئاشپەز خۇ ۋېنفېڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە كالا گۆشى، قوي گۆشى، بېلىق، غاز جىگىرى، كالا پاچىقى، پىچەكگۈل قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «سوغۇق تائام جەمگاھى»نى ئەتتى. بۇ تائام تاغ، دەريالىرى گۈزەل ئالتاينىڭ مەززىلىك يېمەك-ئىچمىكىگە سىموۋول قىلىنغان بولۇپ، نەق مەيداندىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. خۇ ۋېنفېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ كۆپلىگەن ئۇستا ئاشپەزلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم. بۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۆزۈم شىنجاڭ قورۇمىلىرىنى تەييارلاشنى ئاساس قىلىپ، گۇاڭدۇڭ قورۇمىلىرى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەييارلاشنىمۇ ئۆگىنىپ، ئالتاينىڭ مەززىلىك تائاملىرى بىلەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.

    ئالتاي شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن جىيا پەنپەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم بىز مەخسۇس ئالتاي شەھىرىدىكى ھەر قايسى كوچا، مەھەللە ۋە يېزا-بازاردىن مەززىلىك تائاملار مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان 90 ماھىرنى تاللاپ چىقتۇق، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ناھىيە، شەھەردىن بەش باھالىغۇچىنى تەكلىپ قىلىدۇق، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت ئاشپەزلەرگە ماھارىتىنى كۆرسىتىدىغان، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆگىنىدىغان سۇپا ھازىرلاش ھەمدە ئالتايدىكى مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مەززىلىك تائاملار رېتسىپىنى قېزىپ، مەززىلىك تائاملار ئارقىلىق ساياھەتچىلىك تەرققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،  ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ باي بولۇشقا يېتەكلەشتۇر.

   ئالتاي شەھەرلىك پارتكوم تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ كەيجىڭ مۇنداق دېدى: ئالتاي شەھىرى 2018-يىلى ساياھەتچىلىكىنى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلىكىنىڭ ياز ۋە كۈز پەسلىدە جانلىنىش ۋەزىيىتىنى تۆت پەسىلىنىڭ ھەممىسىدە ساياھەتچلىك جانلىنىدىغان ھالەتكە ئۆزگەرتىپ، ئالتاي ساياھەتچىلىكى تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن رايون ساياھىتى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىمىز. ئۆزگىچە يېمەك - ئىچمەك كەسپى ئالتاي شەھىرىنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مەدەنىيەت ماركىسى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالدى. بۇ قېتىمقى مەززىلىك تائاملار مۇسابىقىسى ئارقىلىق، ئالتاينىڭ مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مەززىلىك تائاملىرىنى ساياھەتچىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، ئالتاينىڭ ئۆزگىچە يېمەك–ئىچمەك مەدەنىيەت ماركىسىنى ياراتدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ