كۆز ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك، كۆزگە ئاق چۈشۈش، كۆز تورلىشىش، كۆزدىكى سېرىق داغنىڭ خۇسۇسىيىتى ئۆزگىرىش قاتارلىق كۆز كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلار بارغانچە كۆپەيمەكتە.
كۆزگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر
- ھايۋانات جىگىرى
ھايۋانات جىگىرىدە مول ۋىتامىن A بار بولۇپ، كۆزنىڭ نۇرغا سەزگۈر ماددىلارنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم تەركىب. ۋىتامىن A كەمچىل بولسا،كۆز مۈڭگۈز پەردە ئۈستۈنكى تېرە ھۈجەيرىسى چۈشۈپ كېتىش ياكى قېلىنلاپ كېتىش، كۆزگە ئاق چۈشۈش قاتارلىق كۆز كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت يانفونغا قارىغاندا ۋىتامىن A كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قوي، كالا، توخۇ، ئۆردەك، بېلىق قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ جىگىرىدە ۋىتامىن A مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىدە سۈمۈرۈلۈشى تېز، كۈندە ئاز مىقداردىن يەپ بەرسە ۋىتامىن A نى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
2.سۈت، تۇخۇم
سۈت، تۇخۇم بولسا مول ۋىتامىن A نىڭ كېلىش مەنبەسى بولۇپ، كۈندە بىر تال تۇخۇم، 250 مىللىلىتېر سۈت ئىچىپ بەرسە، كۈندە ئېھتىياجلىق 1/3 دىن يۇقىرى ۋىتامىن A نى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
3.قېنىق رەڭلىك سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەر
پالەك، يازلىق يېسسىۋىلەك قاتارلىق قېنىق رەڭلىك كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە A مول بولۇپلا قالماي، كىسانتوفىل مىقدارىمۇ يۇقىرى، بۇ ماددىلار كۆز كۆك نۇرىنىڭ، كۆرۈش تور پەردىسى سېرىق داغ قىسمىنىڭ زەخمىلىنىشىنى توسۇپ، كۆز سېرىق داغ كېسىلىنىڭ ئۆزگۈرۈشىنى توسۇيدۇ. سەۋزە، كاۋا، ماندارىن تەركىبىدىكى كاروتىن B، ۋىتامىن A غا ئايلىنىپ، كۆزنى ئاسىراش رولى بار.
سۆسۈن كاللەكبەسەي، مالىنا، ئۈجمە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى سىئانىدىن كۆز كۆرۈش سۆسۈن ماددىسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆز قىل قان-تومۇرنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئايلىنىشنى كۈچەيتىدۇ. سىئانىدىن كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى بىر خىل ماددا بولۇپ، ئەركىن رادىكاللارنىڭ كۆزگە بولغان زەخمىسىنى ئازايتىپ، كۆزگە ئاق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.