جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: 16-يانۋار، تاغ سۇ تەبئىيلىكىنى قوغداش مەركىزى سىرتقا بىر يۈرۈش فىرانسىيەلىك تەبىئەتنى كۆزەتكۈچى فىرېدېرىك لارېينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ زادو ناھىيەسىدىكى ئاڭسەي چوڭ جىلغىسىدا تارتقان يىلپىزلارنىڭ سۈرىتى ئېلان قىلىندى. ئاڭسەي چوڭ جىلغىسى سەنجاڭ يۈەن دۆلەتلىك باغچا لەنساڭجياڭ مەنبە رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، يىڭنە يۇپۇرماقلىق ئورمان قاتارلىق كۆپ خىل ئېكولوگىيەلىك سىستېمدىن تەشكىل تاپقان، جۇڭگو قاپلىنى ۋە يىلپىز قاتارلىق كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان ھايۋانلارنىڭ مۇھىم ماكانى ھېسابلىنىدۇ.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەبئىيلىكى قوغدىلىنىدىغان ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تەتقىىق قىلىش مەركىزىدىكى دوكتور شاۋ لىڭيۈننىڭ ئېيتىشىچە، ئاڭسەي چوڭ جىلغىسى رايونىدىكى يىلپىزنىڭ تۈر توپى مۇقىم بولۇپ، سەنجىياڭ يۈەندىكى بىر يۈرۈش قوغداش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، قوغداش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان.