تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن بارلىقىمنى بېغىشلايمەن

  ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسى بەيگە مەيدانى ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەردان ئابلا

  مەن ساقچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىمدىن ج خ ئىدارىسى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا دادام قاتارلىقلارنىڭ ئالدىراش سىماسىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان. 2005 – يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، قىلچە ئىككىلەنمەيلا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە ئىمتىھان بېرىپ، خەلق ساقچىسى بولۇپ، كۈچ ئۇلاش تاياقچىسىنى دادامدىن ئۆتكۈزۈۋالدىم.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ئۇچىغا چىققان ياۋۇزلۇقىنى، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئەپت – بەشىرىسىنى ئاشكارىلىدى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ھەم ھېچقانداق بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ھەم ھېچقانداق بىر دىنغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشى سېپى ئۆزىدىن جەمئىيەتكە، ئىنسانىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى جىنايى قىلمىش، بۇنىڭغا ھەر قانداق بىر دۆلەت سەۋر – تاقەت قىلالمايدۇ، ئۇلارغا جەزمەن قاتتىق زەربە بېرىش ۋە ئۇلارنى قاتتىق جازالاش كېرەك.

    ئاساسىي قاتلامدا مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ جىنايى سۇيىقەستى ۋەتەننى پارچىلاش ئىكەنلىكىنى ئاللىبۇرۇن تونۇپ يەتتىم. زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ غالجىرلاشقان جىنايى قىلمىشى بىزنى قايتا – قايتا شۇنداق ئاگاھلاندۇردىكى، شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، كەسكىن كۈرەش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بىر دەقىقىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، چوقۇم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، دۈشمەنلەرنىڭ ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرۇپ، زەربە بېرىش ئارقىلىق جەمئىيەتتە ھەققانىيلىقنى نامايان قىلىپ، خەلقنى خاتىرجەم قىلىپ، تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، زوراۋان – تېررورچىلارغا ھېچقانداق پۇرسەت قالدۇرماسلىقىمىز كېرەك. شىنجاڭدىكى 23 مىليون ھەر مىللەت خەلق ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇپ، ھەرقانداق زوراۋان – تېررورچىغا يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالدۇرمايمىز ھەم ئۇلارنى ئاخىرقى ھېسابتا يوقىتىمىز.

  پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر ۋاقىت پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي قوغداپ، قەيسەرلىك بىلەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە باتۇرانە زەربە بېرىدىغان جەڭچى بولىمەن. ج خ ساقچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مۇقەددەس بۇرچۇم ۋە مەسئۇلىيىتىمنى زىممەمگە ئېلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە باشلامچى بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق كۈچۈمنى تەقدىم قىلىمەن. مەن تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، كۈرەش تەجرىبىلىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىدىغان ئەمەلىي كۈرەش ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈپ، قەتئىي ھالدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى بىخ ھالىتىدە يوقىتىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ئەڭ زور چەكتە قوغداپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن، ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن.

  پارتىيە بايرىقى، دۆلەت بايرىقى، ساقچى گىربى ئالدىدا يەنە بىر قېتىم شۇنداق تەنتەنىلىك قەسەم بېرىمەنكى: پارتىيەگە، ۋەتەنگە، خەلققە، قانۇنغا سادىق بولىمەن؛ بۇيرۇققا، قوماندانلىققا بويسۇنۇپ، بۇرچۇمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەسىمىمنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىش كۈرىشىدە ئۆتكۈر شەمشەر بولۇپ، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلماي، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن بارلىقىمنى بېغىشلايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ