تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش ___ بۇ يەرمۇ سىزنىڭ ئۆيىڭىز

2017-يىل 23-دېكابىر، ما خەييەن (ئوتتۇرىدا) قادىر تاغىغا توكتا قاقلاپ داۋالاش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىشنى ئۆگەتمەكتە.

   شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 2017-يىل 23-دېكابىر، شىخو شەھەرلىك جۇڭيىچە تېبابەت دوختۇرخانىسى يۈرەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ سېستىرالار باشلىقى ما خەييەن «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى بويىچە شىخو شەھەرلىك 84 تۈتۈن يېزىسى دۆڭمەھەللە كەنتىدىكى تۇغقىنى قادىر غوپۇرنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ما خەييەن ئىشىكتىن كىرىپلا تۇغقانلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سورىدى. قادىر تاغا كۈلۈپ تۇرۇپ: «قىش كۈنى قىلىدىغان  دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئاز، بىز بالدۇر ئۇخلاپ بالدۇر قوپۇپ، كۈندە چېنىقىۋاتىمىز، سالامەتلىكىمىزمۇ ياخشى.» دېدى. قادىر تاغىنىڭ ئايالى سېيتنىسا يۈسۈپمۇ سۆز قوشۇپ: «مەن كۈندە كەنت كومىتېتىغا بېرىپ قوشنىلار بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئويناۋاتىمەن.» دېدى.

   ما خەييەن بىلەن قادىر تاغا 2016-يىلى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان بولۇپ، ماخەييەن ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا، قادىر تاغىنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، ئايالىنىڭ قان بېسىم ۋە قان قەنتى كېسەللىكى بارلىقىنى بىلدى. ئۇ ھەر يېرىم ئايدا بىر قېتىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تۇردى، دورا يەتكۈزۈپ بەردى. بۇ قېتىملىق «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىدە، ماخەييەن ئۆزى كۆكتات سېتىۋېلىپ كېلىپ ئۇلارغا ئوخشىتىپ تاماق ئېيتىپ بەردى ھەمدە ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق تاماق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىنى ئېيتتى.

   قادىر تاغىنىڭ رېماتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغى كېسىلى بولۇپ، قول بوغۇملىرىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ دائىم ئاغرىيتتى.  ماخەييەن ئۇنىڭغا مەخسۇس رېماتىزم كېسەللىكىنى داۋالايدىغان جۇڭيىچە دورا ۋە ياستۇق ئېلىپ باردى، ھەمدە قادىر تاغىغا توكقا قاقلاپ داۋالاش ئۈسكۈنىسىنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ قويدى.

   ماخەييەننىڭ خىزمەت ئالدىراشلىق بىلەن چىللە كۈنىدە تۈگۈر يېيەلمىگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان سېيتنىسا سەھەر تۇرۇپ بازارغا بېرىپ گۆش ۋە كۆكتات سېتىۋېلىپ بۇ ئامراق قىزىغا ئۆز قولى بىلەن تۈگۈر تۈگۈپ بەردى.

   بىر ھەپتە ۋاقىت تېزلا ئۆتۈپ كەتتى. ئايرىلىش ئالدىدا، سېيتنىسا ئۆزى كۆڭۈل قويۇپ تاللىغان ئەتلەس شارپىنى ماخەييەنگە سوۋغا قىلدى ھەمدە كۆزى قىيمىغان ھالدا ئۇنىڭغا: «بۇ يەرمۇ سىزنىڭ ئۆيىڭىز، قىزىم، دائىم كېلىپ تۇرۇڭ!» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ