شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنى تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ 2018 – يىلى قەشقەر، غۇلجا، ئاقسۇ، چۆچەك، ئالتاي، تۇرپان قاتارلىق ئالتە تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىنى تېز يولغا قويىدىكەن ھەم توققۇز ئايرودۇرۇمنى يېڭىدىن قۇرۇش تۈرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىنىڭ ھاۋا تىرانسپورت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدىكەن.
2018 – يىلى نۇقتىلىق يولغا قويۇلىدىغان ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى تۈرلىرى يەنە شىخەنزە گۈلباغ ئايرودۇرۇمىنىڭ كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، قاراماي ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۇچۇش رايونى يول يۈزىنى ئۆزگەرتىش تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلاش، شۇنداقلا تاشقورغان، موڭغۇلكۈرە، كېرىيە، بايىنبۇلاق، قوبۇقسار، شىخو، گۇچۇڭ، باركۆل، ئارالدىن ئىبارەت يېڭىدىن توققۇز ئايرودۇرۇم قۇرۇش تۈرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ھازىر تۇرپان ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ئىلتىماسى تەستىقلانغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى مۇھىم ساياھەت رايونىغا جايلاشقان تۇرپان ئايرودۇرۇمى كېڭەيتىپ قۇرۇلغادىن كېيىن، ئايرودۇرۇمنىڭ كاپالەت ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلان، ھەممىباب ئاۋىياتسىيە تىپىدىكى ئايروپىلانلارنىڭ ھاۋا رايى چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي ئۇچۇشى ۋە قونۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
ھازىر شىنجاڭ رايونىدا تىجارەت قىلىدىغان ئاۋىياتسىيە شىركىتى 49غا، ھاۋا يولى 257گە يەتكەن. جايلاردىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ قۇرۇلۇشى بىۋاسىتە ئۇچىدىغان لىنىيەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن، ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن ئۈرۈمچىدە توختىماي بىۋاسىتە شىنجاڭ سىرتىغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 41گە، ئايرودۇرۇملار ئارىسىدىكى بىۋاسىتە ئۇچىدىغان لىنىيە 23كە يەتكەن.