تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كارخانىلارنىڭ تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلىدۇ

  ئاپتونوم رايونىمىزدا «30 كىنىشكا بىرلەشتۈرۈلىدۇ»

مۇخبىرىمىز گاۋ ۋانىڭ 1- ئاينىڭ 10- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەت ۋە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ تەرەققىياتىنى نىشان قىلغان بىرلىككە كەلگەن بىرلەشمە نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىدىكەن، «كۆپ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش»كە چېتىلىدىغان كارخانا كىنىشكىسىنى ھازىرقى 12 تۈردىن 30 تۈرگە كۆپەيتىپ، يىل ئىچىدە «30 كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش»نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، رويخەتكە ئالدۇرۇش، تىزىملىتىش رەسمىيەتلىرىنى قولايلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرىدىكەن.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي مونوپولنى بۇزۇپ تاشلاپ، بازار مونوپولىدىن ساقلىنىپ، ئامىل باھاسىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەتچىلىك ئىجازىتى چەكلىمىسىنى بوشىتىپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم، دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سودا- سانائەت تارماقلىرى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش»، «كۆپ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرىدۇ. «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامە ئايرىلغان»دىن كېيىن، ئۇچۇر توپلاش، خاتىرىلەپ ئېلان قىلىش ۋە ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈشنى باشقۇرۇش تۈرىگە تەۋە تۈرلۈك گۇۋاھنامە ۋە كىنىشكىلار «كۆپ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» پىرىنسىپى ۋە ئۆلچىمى بويىچە تىجارەت كىنىشكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈۋېتىلىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق تىزىملىتىش ۋە ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسىنى ئىشلىتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، «توردا بېجىرىش» نىشان قىلىنىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاش مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، رويخەتكە ئالدۇرۇش، تىزىملىتىش جەريانىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش ۋە ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسىنى رايون، تارماق، ساھە ھالقىپ قوللىنىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەمەتجان ئابلا مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش سىستېمىسى، ئۇنىۋېرسال كەسىپ سىستېمىسى، ئېلان تەكشۈرۈش سىستېمىسى، تور سودىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە 12315 سىستېمىسىغا تايىنىپ، تۈرلۈك كەسپىي سانلىق مەلۇماتنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توردا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، دەل جايىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، توردا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بىلەن تور سىرتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تېخىمۇ ئىلمىيلاشتۇرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2017- يىلى سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، توردا رويخەتكە ئالدۇرۇش، تىزىملىتىش ۋە كارخانا نامىنى ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى ئېچىپ، ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش- قوللىنىش سۇپىسى قۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تىزىملىتىش مەشغۇلاتىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كۆپ خىل ئەندىزىلىك تىزىملاش مۇلازىمىتىنى ئىشقا ئاشۇرغان. ئاپتونوم رايون بويىچە بازار سۇبيېكتلىرى تېز ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىغان، 2017- يىلى يېڭىدىن تىزىملاتقان بازار سۇبيېكتى 255 مىڭ 200 بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بازار سۇبيېكتى 1 مىليون 469 مىڭغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كارخانا 322 مىڭغا، يەككە سودا- سانائەتچى 1 مىليون 108 مىڭغا، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 39 مىڭغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم %19.75، %13.93 ۋە %7.57 ئاشقان؛ خۇسۇسىي يەككە تىجارەتچى 3 مىليون 766 مىڭ 800گە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.56 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ