تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە پارتىيە ئەزاسىغا خاس نەمۇنىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرىمەن

  ئاقسۇ شەھەرلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نۇرنىسا جامال

       مەن جەنۇبىي شىنجاڭدا تۇغۇلدۇم، جەنۇبىي شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، كۆپ يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالدىم. خىزمەتكە قاتناشقىنىمغا 30 يىل، پارتىيەگە كىرگىنىمگە 28 يىل بولدى، ئىزچىل مائارىپ سىستېمىسىدا ئوقۇتۇش، ئادەم تەربىيەلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن.

  شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە، خىزمەتكە قاتناشقاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە پارتىيەنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇم، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشقانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇم، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر قايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشىدىغان ئىتتىپاقلىق كەيپىياتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.

  كۆپ يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان پارتىيەلىك ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممەمگە ئېلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەيدانىدا پارتىيە ئەزالىرىغا خاس نەمۇنىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي قارشى تۇرىمەن. مەن پارتىيەگە قەتئىي سادىق بولۇشنى، ئېتىقادتا مۇستەھكەم بولۇشنى باشتىن- ئاخىر ئەڭ تۈپ تەلەپ قىلىپ، يۈكسەك سىياسىي سەزگۈرلۈكىمنى ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ساقلايمەن، ئېتىقادىمنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا سەپسەتىگە ئىشەنمەيمەن، بۆلگۈنچىلىك سېلىش، قۇترىتىشقا ئەگەشمەيمەن، قانۇنغا خىلاپ ھەرقانداق ھەرىكەتكە قاتناشمايمەن، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاڭلىق ئاتلىنىپ، ھازىرقى تەستە قولغا كەلگەن چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىللە گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇپ چىقىمەن.

  ئۇزاقتىن بۇيان مائارىپ سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان پارتىيەلىك ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆز ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى، ئەتراپىمدىكىلەرنى، ئائىلەمدىكىلەرنى پائال ياخشى تەربىيەلەپ، توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىناق- ئىتتىپاق بولغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرىمەن.

  قوش تىل بىلىشتەك ئەۋزەللىكىمدىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەت تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەردە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار، ئاممىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدا تەشۋىق قىلىمەن ۋە تەربىيە بېرىمەن، ئۇلارغا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇتىمەن، ئۇلارنى «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا، بۈگۈنكى تەستە قولغا كەلگەن بەختىيار تۇرمۇشنى قەدىرلەشكە يېتەكلەيمەن.

  بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت داۋامىدا مەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ