تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن

  شىنجاڭ گېزىتخانىسى 2- تەھرىر بۆلۈمى گېزىت چىقىرىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئىلھام ئىمىن

  مەن كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئاتا- ئانام كومپارتىيە ئەزاسى. پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرى ئاستىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدۇم ھەمدە تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات خىزمەتچىسى بولدۇم. ھەر قېتىملىق ئائىلە يىغىلىشىدا ھازىرقى بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى تىلغا ئالىمىز، ئائىلىمىزدىكى ھەممەيلەن پارتىيە ۋە ئۇلۇغ ۋەتەندىن تولىمۇ مىننەتدارمىز. پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكى بولغاچقىلا، بىز بۈگۈنكىدەك بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشەلىدۇق.

  پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىك جەھەتتە قانداق تەربىيەلەنگەنلىكى، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالغان- ئالمىغانلىقى پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش مۇساپىسىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا مەن يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە يۈرەكلىك ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇشقا تىرىشىمەن.

  مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئىتى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى. شۇڭا بىز چوقۇم ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدىشىمىز، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان پولات سېپىلنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

  پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى، رەزىل ئەپت- بەشرىسى ۋە رەزىل مەقسىتىنى قەتئىي ئېچىپ تاشلايمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇقىملىقنى ئويلايدىغان، تەرەققىياتنى كۆزلەيدىغان، ئىناقلىققا ئىنتىلىدىغان يۈرەك ساداسىنى زور كۈچ بىلەن تارقىتىمەن، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ ئۆتىدىغان ياخشى ۋەزىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىمەن. پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا خاس ئالاھىدە ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇشتا ئۈلگە بولۇپ، دوست- بۇرادەرلىرىم ۋە ئەتراپىمدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى ۋە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلىمەن، كۆپچىلىككە پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن، ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا يېتەكلەيمەن، كۆپچىلىكنىڭ ھەق- ناھەقنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمەن.

  پارتىيە گېزىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل زىممەمگە ئېلىپ، خاتا ئىدىيە، تار مىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا تاقابىل تۇرىمەن، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پەرقلەندۈرۈشكە ماھىر بولىمەن، مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ تەكچىگە ئېلىپ قويىدىغان «ياخشىچاقلىق» ئىدىيەسىنى قەتئىي يېڭىپ، «بىر كۆزىنى ئېچىپ، بىر كۆزىنى يۇمۇۋالىدىغان» پاسسىپ ئىستىلنى يوقىتىمەن، مۈجمەل تونۇشلار ئالدىدا ھەق- ناھەقنى دادىل پەرقلەندۈرۈپ، خاتا كۆز قاراشلار ئالدىدا يۈرەكلىك ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى باشلامچىلاردىن بولىمەن، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، تارىخىي بۇرچنى ئاڭلىق زىممەمگە ئېلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن، باشتىن- ئاخىر مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئالىمەن، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولىمەن، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىمەن.

  ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن، سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدىنى قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەك قىلىپ، سۆز- ھەرىكىتىمنى، ئىچى- تېشىمنى باشتىن- ئاخىر بىردەك قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى باشلامچىلاردىن بولىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇشقا تىرىشىمەن، ھەر مىللەت ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىل قېرىنداشلارنى ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى بىرلىكتە قۇرۇشقا يېتەكلەيمەن ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ