تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

فۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ‹‹ليۇ مىنرۇڭ ئىشخانىسى›› شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىق ‹‹ئائىلە›› ئاتا قىلدى

  مۇخبىرىمىز جاۋ شىيا

  ‹‹فۇجۇدا، ليۇ ئانا بىزگە يەنە بىر ئائىلە ئاتا قىلدى››. مەكتەپتىكى ‹‹ليۇ مىنرۇڭ ئىشخانىسى›› تىلغا ئېلىنسا فۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى 2017 – يىللىق ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى زۇلمىرە ئەمەت ھاياجانلىنىپ كېتىدۇ.

  فۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىنىڭ 3 – قەۋىتىگە جايلاشقان يۈز نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق ‹‹ليۇ مىنرۇڭ ئىشخانىسى›› قويۇق شىنجاڭچە ئۇسلۇبتا بېزەلگەنىدى: كاڭدىكى ئۇزۇنچاق ئۈستەلگە بادام، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق قۇرۇق يەل – يېمىشلەر تىزىلغان، تامغا قازاقچە گىلەمدىن باشقا يەنە دومبىرا، راۋاب، دۇتار قاتارلىق مىللىيچە چالغۇلار ئېسىلغان، زالنىڭ تۆت ئەتراپى ئەتلەس بىلەن بېزەلگەنىدى، پېشايۋاندا شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار تونۇشتۇرۇشلارنى كۆرگىلى بولاتتى.

  ئىشخانىنىڭ ‹‹ئائىلە باشلىقى›› ليۇ مىنرۇڭ بىلەن شىنجاڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئۈزۈلمەس رىشتە بار ئىدى. 1997 – يىلى ليۇ مىنرۇڭ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش تۈرى بويىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانىدىن فۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىغا خىزمەتكە كەلدى، ھازىر ئۇ بۇ كۇتۇپخانىنىڭ باشلىقى. شىنجاڭ بىلەن بولغان ئۈزۈلمەس رىشتە ئۇنى شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ سىردىشىغا ئايلاندۇردى.

  ‹‹مەن فۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىغا دەسلەپ كەلگەن ۋاقتىمدا مەكتەپ رەھبەرلىكى ماڭا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشۈمنى ئېيتقانىدى››، دېدى ليۇ مىنرۇڭ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇ مەكتەپكە ئوقۇشقا كەلگەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى فۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر شىنجاڭلىق ئوقۇتقۇچىنىڭ بارلىقىنى بىلدى، ئۇلار ئوقۇشتا قىيىنچىلىققا يولۇقسا، تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا ليۇ مىنرۇڭنى ئىزدەپ كېلەتتى. ھەر يىلى ھېيت – بايراملاردا ليۇ مىنرۇڭ بالىلارنى جەم قىلىپ كۆڭۈل ئاچاتتى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش پۇلى بېرەتتى.

  زۇلمىرە بۇلتۇر 9 – ئايدا تۇنجى قېتىم ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، فۇجۇغا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا كەلدى، ئۇنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگىنى شۇكى، ئۇ فۇجۇغا كېلىپلا ۋوگزال ئېغىزىدا ئۆزىنى ئالغىلى چىققان ليۇ مىنرۇڭنى كۆردى. ‹‹شۇ چاغدا خۇددى ئۆيدىكىلىرىمنى كۆرگەندەك شۇنچىلىك ئىللىقلىق ھېس قىلغانىدىم››، دېدى زۇلمىرە. ياتاققا ئورۇنلىشىۋالغاندىن كېيىن زۇلمىرەنىڭ يان تېلېفونى سايرىدى، ‹‹قىزىم، قانداق ئېھتىياجىڭىز بولسا ماڭا ئېيتىڭ، ئەتە ئىشخانىدا يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ، سىزنى ساقلايمىز، كېلىڭ!››، دېدى ليۇ مىنرۇڭ يان تېلېفوندا. شۇنداق قىلىپ، زۇلمىرە بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ رەسمىي بىر ئەزاسىغا ئايلاندى.

  ئوقۇغۇچى ئابدۇرېھىم مەمەت ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بەرمەكچى بولدى، ئۇنىڭ خاتىرجەم تەكرار قىلىشى ئۈچۈن ليۇ مىنرۇڭ ياتاق ھەل قىلىپ بەردى، يەنە قىسمەن پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى تېپىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا مەدەت بەردى. ‹‹مەن مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇتقۇچى بولۇشنى، ليۇ ئاپامدەك ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن››، دېدى ئابدۇرېھىم مەمەت.

  فۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىلدىن – يىلغا كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ليۇ مىنرۇڭدا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئائىلىسى قۇرۇش ئىستىكى تۇغۇلدى. 2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ‹‹فۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ليۇ مىنرۇڭ ئىشخانىسى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئائىلىسى›› ۋە ‹‹فۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر ھۆججەت سارىيى›› رەسمىي قۇرۇلدى.

  ‹‹مەكتەپ كۇتۇپخانىدىن مەخسۇس يۈز نەچچە كىۋادرات مېتىر يەر ئاجرىتىپ بەردى، يەنە مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتتى، مەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئىختىساس ئىگىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن››، دېدى ليۇ مىنرۇڭ. ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ئىشخانىنى قۇرۇشتىكى مەقسەت ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ياقا يۇرتتا ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا خۇشال، ئىللىق ‹‹ئائىلە›› ئاتا قىلىشتىن ئىبارەت.

  ئىگىلىشىمچە، ‹‹ليۇ مىنرۇڭ ئىشخانىسى›› مەكتەپتىكى مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپى، شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىگە ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش كوللېكتىپى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئەترىتى ۋە باشقا ياردەم بېرىش كوللېكتىپىدىن تەشكىللەنگەن ئىكەن. پائالىيەتلەرگە تەشكىللەش، كەسىپ ھاياتىنى پىلانلاش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتىن سىرت، يەنە مەخسۇس تېمىلىق يېتەكچىلىك سىنىپى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر پەيشەنبە، جۈمە، شەنبە كەچتە ئاساسى ئاجىز ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئالىي ماتېماتىكا، ئىنگلىز تىلى قاتارلىق دەرسلەردىن تەكرار قىلىپ بېرىدىكەن.

  ليۇ مىنرۇڭ مۇنداق دېدى: ئىشخانىمىزدا يەنە ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسى تەسىس قىلىندى، بۇ مەۋسۇمدە 30 نەچچە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسى پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى. ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش جەريانىدا ئىشخانا ئەزالىرى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارغا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش تەربىيەسى بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ