تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‹‹سىز مېنىڭ ئۆز قىزىم››

  مۇخبىرىمىز شيا چىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شۆ يۈنشاۋ

  2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى سائەت 13تە خوشۇت ناھىيەسى ‹‹لۇڭجۈ›› باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا 100دىن ئارتۇق ئاتا – ئانا يىغىلغانىدى، گەي ئوتخەي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىۋاتقان بالىلارغا تەقەززالىق بىلەن قاراپ تۇراتتى. بالىلار بەك كۆپ بولغاچقا، گەي ئوتخەينىڭ كۆزلىرى ئىمىر – چىمىر بولۇپ كەتتى، ئۇ بالىلار ئارىسىدىن تونۇش بىر سىيمانى ئىزدەيتتى.

  گەي ئوتخەي: سەل تۇرۇپ قىزىم جى جيې چىقىدۇ، ئوبدانراق قاراپ تۇرمىسام بولمايدۇ، دېدى جىددىيلەشكەن ھالدا.

  ـــ ئاپا، ئاپا، مەن كەلدىم ... مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا گەي ئوتخەي قىزى جى جيې بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى ھەم چۈشتە قىزىغا ئۇ ئىشتىھا بىلەن يەيدىغان لەڭمەن ئەتكەنلىكىنى، يەنە ئۇنىڭغا يېڭى مامۇق چاپان سېتىۋالغانلىقىنى ئېيتتى.

  موڭغۇل ئانىنىڭ قانداقسىگە خەنزۇ قىزى بولۇپ قالدى؟ بۇ ھېكايىنى ئىككى ئائىلىنىڭ قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقانلىقىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  2016 – يىلى 11 – ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە كەڭ قانات يايدۇرۇلغان ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىدە گەي ئوتخەي بىلەن جى جيېنىڭ ئاپىسى تاڭ چاڭلى تۇغقانلاشتى. ئىككى ئائىلىنىڭ باردى – كەلدىسىنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار ئارىسىدىكى مېھىر – مۇھەببەتمۇ كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، بولۇپمۇ زېرەك ۋە ئەقىللىق قىز جى جيېنى گەي ئوتخەي ناھايىتى ياقتۇرۇپ قالدى.

  جى جيېنىڭ دادىسى يىل بويى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلاتتى، تاڭ چاڭلى ئۆيدە جى جيېنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى. 2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تاڭ چاڭلى غەمكىن ھالدا گەي ئوتخەينى ئىزدەپ كەلدى. ‹‹ئۆينىڭ بارلىق چىقىمى بالىنىڭ دادىسىغىلا قاراشلىق بولۇپ قالدى، شۇڭا مەنمۇ ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئانچە – مۇنچە تۇرمۇش خىراجىتى تاپايمىكىن دەيمەن، لېكىن بالامنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلەلمەيلا قالدىم››، دېدى تاڭ چاڭلى.

  تاڭ چاڭلى قىزىنى ئوقۇتقۇچىسىغا ياكى قوشنىسىغا ھاۋالە قىلىشنى ئويلاشقانىدى. بۇنى بىلگەن گەي ئوتخەينىڭ ئىچى سىيرىلىپ كەتتى، توققۇز ياشلىق جى جيېنىڭ ئوماق ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ پەقەت خاتىرجەم بولالمىغان گەي ئوتخەي شۇ كۈنى كەچتىلا ئېرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، جى جيېنى ئۆيىگە ئەكىلىۋالماقچى بولدى، شۇنداق بولغاندا جى جيې ۋە ئۆزىنىڭ ئىككى ياشلىق قىزىنىڭ ھالىدىن تەڭ خەۋەر ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئىللىق ئائىلە مېھرى بېغىشلىيالايتتى.

  ئەتىسى سەھەردە گەي ئوتخەي جى جيېنى ئالغىلى كەلدى. شۇ كۈندىن باشلاپ گەي ئوتخەينىڭ ئائىلىسىدىكىلەر جى جيېنى ئۆز ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بىلىپ، ئۇنىڭغا كىيىم – كېچەك ئېلىپ بەردى، ئۇنى مەكتەپكە ئاپىرىپ – ئەكەلدى، ئۇنىڭ دەرسلىرىگە يېتەكچىلىك قىلدى... گەي ئوتخەي جى جيېگە چەكسىز مېھرى بىلەن كۆڭۈل بۆلدى.

  ـــ مېنىڭ بۇ قىزىم بەك ئەقىللىق، ھېرىپ ھالىمدىن كەتكەندە يۇمۇر ئېيتىپ بېرىپ مېنى كۈلدۈرىدۇ، دۈمبەمنى تۇتۇپ قويىدۇ، مەن بەك بەختلىك، ـــ دېدى گەي ئوتخەي كۈلۈپ تۇرۇپ.

  مۇھەببەتنىڭ مېھرى زىمىستان قىشنىمۇ ئىللىتىدۇ، جى جيې چىرايلىق يېڭى مامۇق چاپاننى كىيىپ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتتى. جى جيې گەي ئوتخەينىڭ قولىنى چىڭ تۇتقىنىچە ئۇنى چوڭقۇر مېھرى بىلەن سۆيۈپ قويدى. ‹‹مەن ھالىڭىزدىن داۋاملىق خەۋەر ئالىمەن، سىز مېنىڭ ئۆز قىزىم››، دېدى گەي ئوتخەي خۇشال ھالدا جى جيېگە.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ